G7 يىغىنى جەريانىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئەنگىلىيەدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان

0:00 / 0:00

4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە لوندۇندا داۋام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ لوندۇندا قالغان بىر قىسىم د ئۇ ق رەھبەرلىرى 11-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە داۋام قىلغان ئەنگىلىيەدىكى G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشى ۋە يىغىندىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق ياخشى بىر نەتىجىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن لوندۇندىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن بىر قىسىم شاھىتلار خاتىرە سۈرەتتە. 2021-يىلى 7-ئىيۇن، لوندون.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكادىن كەلگەن د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى لوندۇندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ تارىخىي بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە لوندۇندا 4 كۈن داۋام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ پۈتكۈل غەربتە، بولۇپمۇ ئەنگىلىيەدە زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

G7 يىغىنى داۋامىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئەنگىلىيەدە بەزى مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ بىرى، «دۆلەت ھىمايىسى ئاستىدا دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى» دېگەن تېما ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى دىنىي ساھەگە مەنسۇپ مەشھۇر زاتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەر بولغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان خىرىستىيان ئۆلىمالىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاپ-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا دىنىي زاتلاردىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە خەلقئارالىق ھوقۇقچىلارمۇ بىۋاستە ياكى تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، ئالدىنقى بىر ھەپتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور تارىخىي ھادىسىلەر يۈز بەرگەن مۇھىم بىر ھەپتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.