يالغۇز خىتايلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە كۆز يۇمغان گېرمان شىركەتلىرىمۇ زەئىپلەشمەكتە
2024.11.07
بۇ يىل 10-ئايدا گېرمانىيە قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 45 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى قويۇپ، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئاپتوموبىللىرىنى ياۋروپا بازارلىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان ئىدى. بىراق بۇ جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئەزەلدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قاراپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن، BMW قاتارلىق چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
«جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» 6-نويابىر ئېلان قىلغان «خىتايدىكى ئاجىزلىق BMW نىڭ پايدىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان BMW ئاپتوموبىل سانائىتى گۇرۇھىنىڭ بۇ يىل خىتايدىن ئېرىشكەن كىرىمى 83.8 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، 1 مىليارد 700 مىليون ياۋرو زىيان تارتقان.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ۋولكىسۋاگېن ئۆتكەن ئايدا گېرمانىيەدىكى 3 ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى تاقاپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. بۇ شىركەتمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن ئايدا ماقۇللىغان خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 45 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى قويۇش قارارىمۇ ۋولكىسۋاگېننىڭ تەرەققىياتىنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىشىگە سەۋەبچى بولغان. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ چۆكۈشى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىنى خىتايدا ساتىدىغان ۋولكىسۋاگېننىڭ تىجارىتىنىمۇ سۇغا چىلاشتۇرغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە سىياسىي ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىنمۇ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كۈچەيسە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ تەڭ كۈچىيىپ ماڭىدىكەن.
ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا تۈرلۈك قارارلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا كۈچلۈك زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە بۇ جازالاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن يارالغان مەھسۇلاتلارنى قوشنا ئەللەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش يولىنى تۇتماقتا ئىكەن. بۇ جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قىلىشقا تېگىشلىك تېخىمۇ كۆپ ئىشلار بار ئىكەن.
گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ھەپتىلىكى» گېزىتىنىڭ 5-نويابىر ئېلان قىلغان «تاموژنا بېجى ماجىراسىدا خىتاي ياۋروپانى پارچىلىماقچى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ يېقىنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون نەچچە دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئازايتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى، ئەمەلىيەتتە بېيجىڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.