گېرمانىيەدە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» قۇرۇلغان

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.08.14
xitay-qoli.jpg ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا ئېلان قىلدى!
Yettesu

12-ئاۋغۇست «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى ئېلان قىلغان «چەت ئەل جاسۇسلىرىنىڭ تەھدىتى: دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قىسقىچە TNR دەپ ئاتالغان «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» گېرمانىيەدە رەسمىي قۇرۇلغان. د ئۇ ق، گېرمانىيە تىبەت جەمئىيىتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، قانۇن ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش فوندى جەمئىيىتى، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك جەمئىيىتى قاتارلىق 11 تەشكىلات «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمىسى، مەقسىتىمىز كىشىلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە بۇنىڭ گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىككە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتۇر.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇستەبىتلىكنىڭ تەنقىدىي سادالارغا، ئۆكتىچىلەرگە، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئەزالىرىغا ۋە سۈرگۈندىكى مۇخبىرلارغا بولغان بېسىمى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا. گېرمانىيەدىكى تەنقىدىي سادالار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى دۆلىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا دۇچ كەلمەكتە.»

 «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا تارتىش ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ نۆۋەتتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى ئېلان قىلغان «چەت ئەل جاسۇسلىرىنىڭ تەھدىتى: دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرىدىن سىرت، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ بارغانسېرى كۈچلۈك تەھدىتلەر شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە گېرمانىيەگە كەلگىنىگە 10 يىل بولغان، 2019-يىلى خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى پائالىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان يۈ مىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي قىزىنىڭ كەچمىشلىرىگە ئورۇن بەرگەن. بۇ قىز ئۆزى تېلېفون ئارقىلىق بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماي، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ خىتايغا قايتىپ كېلىشىنى ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە بولماسلىقنى ئۆتۈنگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭدىن ھەتتا «بۇندىن كېيىن خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشمايمەن» دەپ ۋەدىنامە يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى» نىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ جىسمانىي ۋە رەقەملىك ھۇجۇملىرى، ئەگىشىۋېلىش، نازارەت قىلىش، ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئۆز دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇرلاش ھەمدە يىراقتىن تەھدىت سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا گېرمانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە قارشى تۇرۇشنى ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.