گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.09.05
germaniye-uyghur-dostluq-guruppisi گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت، 2023-يىلى 5-سېنتەبىر، بېرلىن
RFA/Ekrem

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار بۈگۈن گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ گورۇپپىغا گېرمانىيەدىكى 4 چوڭ پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان.

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىقىش د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇن يىللىق پىلانلىرى تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان بىر تۈر ئىكەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ گۇرۇپپىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ گۇرۇپپا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى تېخى كۈچلۈك ئىجرا قىلىشى بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى،  2023-يىلى 5-سېنتەبىر، بېرلىن

بۇ مۇراسىمغا مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. تەشكىلات رەئىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى پەرىدە خانىم بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت، 2023-يىلى 5-سېنتەبىر، بېرلىن
گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت، 2023-يىلى 5-سېنتەبىر، بېرلىن
RFA/Ekrem

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.