خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۆھمەت، ئويدۇرما» دەپ ئاتىغان دوكلات گېرمانىيەنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالدى.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 16 مىڭدەك مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى 380 لاگېرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25-سېنتەبىر مۇخبىرلارنىڭ بۇ خۇسۇستىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە لاگېرلارنى «ھەقسىز ياتاقلىق سىنىپلار» دەپ ئاتىسا، دوكلاتتىكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان لاگېرنىڭ ئورۇنلىرىنى «ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرالغۇ ئورۇنلىرى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى «تۆھمەت ۋە ئويدۇرما» دېگەن. ئەمما بۇ «تۆھمەت ۋە ئويدۇرما» 25-سېنتەبىردىن باشلاپ غەرب مەتبۇئاتلىرى، بولۇپمۇ گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى گېزىتى» نىڭ 25-سېنتەبىردىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى شىنجاڭدىكى 380 لاگېرنىڭ ئورنىنى تاپتى» ناملىق خەۋىرى «پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلاغاندا، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ رايونىدا تەسىس قىلغان لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ سانىنىڭ بىزنىڭ پەرەز قىلغىنىمىزدىنمۇ كۆپلۈكى مەلۇم بولماقتا» دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. خەۋەردە بۇ 380 لاگېردىن باشقا يەنە 14 لاگېرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقانلىقى، 2019-يىلى 7-ئايدىن 2020-يىلى 7-ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا 61 لاگېرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانىي زەربىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
«ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى شىنجاڭدىكى 380 لاگېرنىڭ ئورنىنى تاپتى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلىدۇ: «خىتايدا تەخمىنەن 10 مىليوندەك ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىنجاڭدا ياشايدۇ. ئۇلار ئىرق جەھەتتىن تۈركلەرگە تۇتىشىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ھۆكۈمران خىتايلارنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، سابىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا قوشۇۋالغان. ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىلىك سىياسىتىگە قارشى قانچە ئون يىللاردىن بۇيان قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن. بۇ قارشىلىقلارنىڭ بەزىلىرى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغانىدى. ھازىر ئۇلار لاگېرلارغا قامالدى».
گېرمانىيەدىكى مەشھۇر سىياسىي ژۇرناللاردىن «ئەينەك» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «مەسچىتلەر چېقىلىپ، لاگېرلار قۇرۇلماقتا» ناملىق ماقالىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 16 مىڭ مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىمۋول بولىدىغان مازار، قەبرىستانلىق، تاۋابگاھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ 3 دىن بىرىنىڭ تۈزلىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى «شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك تولۇق كاپالەتكە ئىگە، شىنجاڭدا 24 مىڭ مەسچىت بار، ئامېرىكاغا سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ئارتۇق» دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ماقالىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ قىينىلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە زورلىنىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، مۇھىمى ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىنىدۇ.
جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيىسى 25-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر لاگېرلىرى» ناملىق خەۋىرىدە يۇقىرىقى مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىدىن سىرت يەنە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەرنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.
گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زامان» گېزىتى ئېلان قىلغان «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قاماش ئۈچۈن داۋاملىق لاگېر قۇرماقتا» ناملىق خەۋەردە ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى ئېلان قىلغان «خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 380 لاگېر قۇرغان» ناملىق خەۋەردىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ بېسىملىرىغا پەرۋاسىز ھالدا لاگېرلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۆھمەت، ئويدۇرما» دەپ ئاتىغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى گېرمانىيەنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالغان. بۇ ھەقتە توختالغان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما ياردەمچىسى ئېۋا شىتوكېر خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دوكلات بىز ب د ت دا رەسىم كۆرگەزمىسى، نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تېرىشىۋاتقان، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتىدىن تىلغا ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىدى. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى، ھەتتا پۈتۈن ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنى بۇنى قىزىق تېما سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.»
0:00 / 0:00