تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى غايىب ئوقۇغۇچىسىنىڭ قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.10.19
lager-Karamay-city-prison.jpg قاراماي شەھىرىگە سېلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرى. 2018-يىلى 20-ئاۋغۇست.
bitterwinter.org

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتايدىكى تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان زىكرۇللا ۋە قەدىردان ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە قارامايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە مەكتەپتە يوق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

بىز تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان زىكرۇللا ۋە قەدىردىن شاۋكەت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە يۇرتى قارامايدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ئىدۇق بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال قاراماي ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا تولىمۇ ئەنسىز مۇئامىلە قىلغان ساقچى خادىملىرى مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سوئال سورىشىمىزغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىملىرى، يۇرتى ۋە ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ نامىدىن باشقا ئۇچۇر بېرىلمىگەن. بىز مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا تېلېفون قىلىپ، زىكرۇللا ۋە قەدىردان ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە مەكتەپتە بار ياكى يوقلۇقىنى سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم ئۆزىنىڭ بىر نۆۋەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ قارامايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتىن ئۇچۇر ئالغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ ھەقتە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقى ۋە بىزگە ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم، بۇ ھەقتە مەكتەپنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇل خادىمى بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. جيا فامىلىلىك مەسئۇل خادىم زىكرۇللا ۋە قەدىردان شاۋكەت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچى بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەن. نەتىجىدە مەكتەپ رەھبەرلىكى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بالىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار قاراماي ساقچى دائىرىلىرىدىن مەلۇمات سورىغان، ئەمما قاراماي ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئاخىرى مەكتەپ رەھبەرلىرى تيەنجىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق قاراماي ساقچىلىرىدىن يوقاپ كەتكەن ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان. تيەنجىن ساقچىلىرى مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي ساقچىلىرى تيەنجىن ساقچىلرىغا مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچى دېلوسىنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە پات يېقىندا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىگەن. بىز مەزكۇر خادىمدىن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئېنىق قاچان تۇتۇلغانلىقىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، يەنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» ياكى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

ئىلگىرىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما تۇتقۇن ۋە غايىبلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شاڭخەي سانائەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن، شىئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن رەجەپ نىيازنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن. نۆۋەتتە بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش» تە ياكى قاماقخانىدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن كېيىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىلدە تۇتۇلۇشى، بولۇپمۇ قاراماي ساقچىلىرىنىڭ قوللىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قەدەر ئۇزىتىشى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئەكسىچە يامانلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.