غايىب مۇزىكانت دىلشات مۇنەۋۋەر سۈرۈشتە قىلىنىش جەريانىدا يېزا باشلىقى ئەخمەت تۇرسۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۇتقۇن قىلىشنىڭ يەنە داۋام قىلغانلىقى، بۇ قېتىمقىسىدا ئۆتكەنكى زەربىلەردىن ئامان قالغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشان بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. ئىنكاستا يەنە توقسۇننىڭ شاھ يېزىسىدىكى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دىلشات مۇنەۋۋەرنىڭ 2 ئاي ئاۋۋال تۇتۇلغانلىقى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ دىلشات مۇنەۋۋەرنى سۈرۈشتە قىلىشى داۋامىدا، كۆمۈش يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئەخمەت تۇرسۇننىڭ 2 ئاي ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ 2019‏-يىلى تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لاگېرلار تاقالمايلا قالماستىن، ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ ئادەم سولىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى كانادادىكى يوتۇپچى گۈلىي مەخسۇتقا ئۇچۇر يوللاپ، توقسۇننىڭ شاھ يېزىسىدىكى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دىلشات مۇنەۋۋەرنىڭ 2 ئاي ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى ئىنكاس قىلغان. ئىنكاس قىلىنىشىچە، بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن دىلشات مۇنەۋۋەر شاھ يېزىسىنىڭ جىگدە قۇدۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن توقسۇندىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شاھ يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى دىلشات مۇنەۋۋەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىمى بۇ يېزىدا دىلشات مۇنەۋۋەر ئىسىملىك بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز دىلشات مۇنەۋۋەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىز كۆمۈش يېزىلىق ساقچىخانىغا باغلاندى. مەزكۇر ساقچىخانا خادىمىدىن بۇ يېزىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل يېزا باشلىقىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ بىر مەزگىلدىن بېرى خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ يوق بولۇشنىڭ سەۋەنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىككى ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىل 40 ياشلارغا كىرگەن ئەخمەت تۇرسۇن ئەسلىدە توقسۇننىڭ بوستان يېزىسىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ يېزىدا قاچاندىن بېرى ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئادەتتە ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورنىدا ئەمەل تۇتقۇن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئاساسەن دېگۈدەك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

يەنە ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا خوتەندىكى بىر سېكرېتار ئاھالىنىڭ 40 پىرسەنتىنى «تەربىيەلەش» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بايان قىلغان بولسا، كورلادىكى بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاتالمىش «تەربىيەلەش» نىسبىتىنى 98 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا1970-يىللاردىن2000 ‏-يىللارغا قەدەر تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ «خەتەرلىك ئەۋلاد» دەپ قارىلىپ، «تەربىيەلەش» ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىمۇ مەلۇم بولغان. مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دىلشات مۇنەۋۋەر بىلەن يېزا باشلىقى ئەخمەت تۇرسۇننىڭ يۇقىرىقى كاتېگورىيەلەرنىڭ قايسىسىغا ئۇيغۇن كېلىپ تۇتۇلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.