غۇلجا ناھىيەسىدە 13 ياشلىق ئابدۇللا راخمانجاننىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا ناھىيىسىدە ئابدۇللا راخمانجان ئىسىملىك 13 ياشلىق بىر بالىنىڭ غايىب بولغانلىقى ھەققىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بىرقانچە كۈندىن بېرى ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر بالا يۈتۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئۈچئون خۇيزۇ يېزا توخۇچىيۈز كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئېتىزلىقتىن جەسىتى تېپىلغانلىقى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ۋە ئاھالىلەر تەرىپىدىن دەلىللەندى.

بۇ ھەقتە تارقالغان ئەڭ دەسلەپكى بىر ئادەم ئىزدەش ئېلانىدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئون خۇيزۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا راخمانجاننىڭ 2 ‏-مارت كۈنى مەكتەپكە كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئۇچراتقۇچىلارنىڭ خەۋەر بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئۈچ كۈن كېيىن تارقالغان ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىدا، مەزكۇر بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە خەۋەردە بۇ بالىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىپ، چەت-ياقا بىر ئېتىزدا ئۆلتۈرگەنلىكى ھەم بالىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سۇغۇرىۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. يەنە شۇ كۈنكى بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇردا جەسەت تېپىلغان ئورۇن ۋە جەسەت ئىگىلىرىنىڭ يىغا-زارى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ ئاشكارىلانغانىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈچئون يېزىسىدىكى ئاھالە ۋە كادىرلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خۇيزۇ ئاھالىسى، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ ئۈچئون ئۇيغۇر يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ بولسا، ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدىن خېلى ئۇزاقتىكى مۇساپىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاھالىلەردىن بىرى ۋەقەنىڭ توخۇچىيۈز كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، يەنە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كەنتتە يىغىن ئېچىلغانلىقى ھەم يىغىندا ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرىغا ياخشى قاراش ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى دەسلەپتە ۋەقەنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن سورۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان بولسا، ئارقىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. يەنە بىر ساقچى خادىمى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ توخۇچىيۈزىدە يۈزبەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە توردا تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ بەردۇق. ئۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن ئابدۇللا راخمانجان ئىسىملىك بالىنىڭ يۈتۈپ كېتىپ جەسىتى تېپىلغانلىقى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى بارلىقىنى، ساقچىخانىدا دەل مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ جىددىي ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ۋە ئەتراپلىق چارلاش ھەم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

توردا تارقالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئابدۇللا راخمانجاننىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇللا راخمانجان 2008-يىلى 2‏-ئاينىڭ 18‏-كۈنى تۇغۇلغان. ئائىلىسى ئۈچئون خۇيزۇ يېزا توخۇچىيۈزى كەنتى 182-قورۇغا نوپۇسلۇقتۇر.

يۇقىرىدا بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردىكى خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان غۇلجا ناھىيەسىدە 13 ياشلىق بىر ئۆسمۈرنىڭ ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ئىچكى ئەزالىرى سۇغۇرىۋېلىنغانلىقى ۋەقەسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ئېنىقلاشلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.