ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىنىڭ غايىب ئىشچىسى ماھىرە مەمەت 5 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز
2023.10.25

ئۆتكەن يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەكەن چارىباغلىق ماھىرە مەمەت ئىسىملىك بىر قىزنىڭ مارالبېشىدىكى ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىپ غايىب بولغانلىقى ۋە 4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى خەۋەر قىلىنغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە غايىب ئىكەنلىكى ۋە يېقىندا DNA سىنىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قان ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلدىن بۇيان تېخىمۇ كېڭەيگەن مەجبۇرىي ئەمگەك فابرىكىلىرى پەقەت «ئىشچىلار» نىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئاستا-ئاستا خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، يەنە بەزەن پاجىئەلىك ۋەقەلەرگىمۇ سەھنە بولماقتا ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. ئۆتكەن يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىققان بىر خەۋەردە يەكەن چارىباغلىق 18 ياشلىق ماھىرە مەمەتنىڭ 2017-يىلى مارالبېشىدىكى ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە بىر يىلدىن كېيىن ئىز-دېرىكى غايىب بولغانلىقى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان قىزىنى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقانلىقى قەيت-قىلىنغانىدى. بۇ خەۋەردىن يەنە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرقانداق خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قىزىنى ئىزدەۋاتقانلىقى، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئاشكارىلىنىشىچە، ماھىرە مەمەت يەكەن ناھىيەلىك 2-كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى تەرىپىدىن مارالبېشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدىن ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىغا ئەۋەتىلگەن. بىر يىل ئىچىدە 3 قېتىم ئائىلىسىگە كېلىپ كېتەلىگەن ماھىرە مەمەت 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئانىسى سەنەم سەيدەخمەت ۋە دادىسى مەمەت تۇرسۇنلارنىڭ ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسى، كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە مارالبېشى ساقچى ئىدارىسىدىن سۈرۈشتە قىلىشلىرى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەكەن 2-كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ خادىمى ئۆزلىرى فابرىكىغا يولغا سالغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىدىكى ئىشچىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن فابرىكا ئارىسىدا تۈزۈلگەن نامەلۇم توختام بويىچە فابرىكىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، رۇخسەتسىز ئۆيگە قايتالمايدىغانلىقى ۋە ئايلىقىغا 200-400 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. بىز غايىب ماھىرە مەمەتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگىمۇ تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىممۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق يىپ ئۇچى بەرمىدى.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمى، ماھىرە مەمەت مەسىلىسىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە ياتىدىغانلىقى، شۇڭا ساقچىلارنىڭ دېلونى ئېنىقلاشتا تولىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ئاستا ھەرىكەت قىلغانلىقى، تېخىچە ماھىرە-مەمەتنىڭ ھايات-ماماتلىقى، ھايات بولسا نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ۋە تېخى يېقىندا ئاتا-ئانىسىدىن قان ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە ماھىرە مەمەتنىڭ دادىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇ تەمىنلىگەن ئالاقە نومۇرى بويىچە، ماھىرە مەمەتنىڭ دادىسى مەمەت تۇرسۇن بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ يېقىندا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ئۆزلىرىدىن قان ئالغانلىقىنى، ئەمما دېلونىڭ تەرەققىياتى، يەنى ماھىرە مەمەتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيەدىكى سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، DNA سىنىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىدىن قان ئېلىشنىڭ غايىب پەرزەنتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ياخشى بىر ئۇچۇر ئەمەسلىكىنى بايان قىلغانىدى.
يۇقىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك فابرىكىسىدا غايىب بولغان 18 ياشلىق ماھىرە مەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن 5 يىلدىن كېيىن DNA سىنىقى ئۈچۈن قان ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردۇق.