مەرھۇم غۇلامىدىن پاختا: «ۋەتىنىنى تونۇغان ئاللاھنى تونۇغان بىلەن ئوخشاشتۇر»

0:00 / 0:00

مەرھۇم غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى 2019-يىلى يازدا نيۇ-يوركتىكى ئۆيىدە رادىيومىزغا سۆزلىگەن ئۆمۈر تارىخىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «‹ۋەتىنىنى تونۇغان ياراتقۇچى ئاللاھنى تونۇغان بىلەن ئوخشاش›، دېگەن سۆز بار. مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن بۇيانقى 70 يىلدىن ئارتۇق ھاياتىم ۋەتەننى قايتا تونۇش، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈش ۋە قولۇمدىن كېلىشىچە ۋەتەننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىش بىلەن ئۆتتى!…»

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك (RFA/Sintash)

2025-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە غۇلامىدىن پاختانىڭ ئوتلۇق يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى. 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مەرھۇمنىڭ مېيىتى نيۇ-يوركنىڭ ئۇزۇن ئارال (Long Island) رايونىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختا بۇ دۇنيادىن كەتتى. خۇددى شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىدىكى «كۆمۈلگەندە يات تۇپراققا سەن، كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن» دېگەن مىسرالىرى كەبى، غۇلامىدىن پاختانىڭ ۋۇجۇدى ۋەتىنىدىن ئۇزاق يات تۇپراققا كۆمۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەتىنىنى قەلبىگە كۆمۈپ كەتتى.

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك (RFA/Sintash)

ئۇنداقتا، غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى قانداق بىر ھايات؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈر يولى، كۈرەش مۇساپىسى، ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى، شۇنداقلا ھاياتىدىكى ئەپسۇسلۇقلىرى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى غۇلامىدىن ئاكىنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، خۇشاللىقلىرى ۋە ئەپسۇسلۇقلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئۆكۈنۈشلىرىنى بىرمۇبىر سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى.

غۇلامىدىن ئەپەندى شۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئاستىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر ساندۇقنى ئاۋايلاپ ئاچتى. ساندۇقتا بىر دانە ئۇزۇن يىللىق نوگاي قاپاق، رەڭگى ئۆڭگەن بولسىمۇ، ئەمما پېتىدىن كەتمىگەن بىر كونا دوپپا، يۈرەك شەكىللىك بىر قۇتىغا قاچىلانغان قەشقەرنىڭ تەۋەررۈك توپىسى ۋە تۈمەن دەرياسىدىن ئالدۇرۇپ كېلىنگەن ئالتە دانە تۇخۇم شەكىللىك تاش بار ئىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 1949-يىلى كەچ كۈزدە قەشقەردىن ئايرىلىپ لاداق يولىغا سەپەر قىلغاندا بېشىمدا مۇشۇ دوپپا بار ئىدى. قەشقەر نوربېشىدىكى باغچىمىزدىن ئۈزۈۋالغان بۇ نوگاي قاپاق شۇنچە يىللاردىن بۇيان قېشىمدىن ئايرىلمىدى. ئۇنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئېلىپ سىلكىگىنىمدە ئىچىدىكى قۇرۇغان ئۇرۇقلىرى شاراقلايدۇ. بالىلىقىمدا قەشقەردىكى ھويلىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ مۇشۇنداق قۇرۇغان قاپاقلارنى شاراقلىتىپ سىلكىسەم، كەپتەرلەر بۇ تونۇش ئاۋازغا ئەگىشىپ ئەتراپىمغا قوناتتى. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ قۇتىنىڭ ئىچىدە قەشقەرنىڭ تەۋەررۈك توپىسى بار. ئۇنى مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېنىمدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بىر دوستۇم يىللار ئىلگىرى قەشقەرگە بارماقچى بولۇپ، ‹نېمە ئالغاچ كېلىمەن›، دەپ سورىغىنىدا مەن، ‹كىچىكىمدە چۆمۈلۈپ ئوينىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ تاشلىرىدىن ئالغاچ كەل› ، دېگەن ئىدىم. مانا بۇ قۇتىدىكىسى تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 6 تال تاش. مەن ۋەسىيەتنامەمنى يېزىپ بۇ قۇتىغا سېلىپ قويدۇم. يەنى مېنىڭ ھايات نېسىۋەم پۈتۈپ ئۇ دۇنياغا ماڭغىنىمدا، بۇ قۇتىدىكى قەشقەرنىڭ توپىسى بىلەن تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تاشلارنى ئۈستۈمگە چېچىڭلار، ۋەتىنىمنىڭ توپىسىغا كۆمۈلۈپ ياتاي دېدىم…»

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك (RFA/Sintash)

بىز ئاخىرىقى سۆھبىتىمىزدە غۇلامىدىن ئەپەندىدىن «سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى سىز پەخىرلىنىدىغان نۇقتىلار زادى نېمە؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «‹ئۆز ۋەتىنىنى تونۇغان، ياراتقان تەڭرىسىنى تونۇغان بىلەن ئوخشاش› دېگەن سۆز بار. ھاياتىمدىكى پەخىرلىنىدىغان بىرىنچى ئىشىم شۇكى، مەن ھاياتىمنى پۇل-مالغا ياكى باشقا ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مۇقەددەس ۋەتىنىمنىڭ ئىشقىغا ئاتىغانلىقىمدۇر» دېدى.

ئۇ ئۆز ھاياتىدىكى پەخىرلىنىدىغان ئىككىنچى بىر نۇقتىنىڭ ئۇيغۇر ئاۋازىنى غەرب دۇنياسىدا تۇنجى بولۇپ ئاڭلاتقانلىقى، يەنى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى بولۇپ گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» دا، ئاندىن 1960-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا ئاڭلاتقانلىقىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ھاياتىدىكى يەنە بىر پەخىرلىك ئىشىنىڭ ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر (مەدەنىيەت) جەمئىيىتى» قۇرغانلىقى، كېيىنكى مەزگىللەردە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادى بويىچە ئىلمىي چۈشەنچىلەر تارقاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ يەنە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ «ئاسىياغا ئېچىلغان دېرىزە» ناملىق سەھىپىسىدە 13 يىل ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەنلىكى، بۇ جەرياندا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاۋازسىز خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىن خۇلاسە چىقارغىنىدا، گەرچە ھاياتىدىكى نۇرغۇن جەريانلاردىن پەخىر ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنە ئۆكۈنىدىغان نۇقتىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ، «مېنىڭ ھاياتىم بويى ئەڭ ئۆكۈنىدىغىنىم، ئامېرىكادەك بىر دۆلەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ‹ئۇيغۇر مەھەللىسى› ياكى ‹ئۇيغۇر كوچىسى› دېگەندەك مەخسۇس بىر جامائەتلىك نۇقتىنى قۇرۇپ چىقىشقا قۇربىم يەتمىگەنلىكىدۇر» دېدى.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئاخىرىدا مەرھۇم شائىر نىمشېھىتنىڭ مۇنۇ شېئىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن چىقارغان يەكۈنىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈسى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشقاقلىق، ئۈمىد-ئىشەنچ ۋە جاسارەت تىلىدى.

يۈرەكتە داغۇ-ھەسرەت، دىلدا ئازادلىق تەمەنناسى،

كىنەدۇر ئازاد دېسەم، كۆكسۈڭدە بار قۇللۇقنىڭ تاماسى.

ئېلىڭ يۇرتۇم، ئىستىقبالىڭنى قايغۇرماي،

قورساق تويغانغا شۈكرى ئەتسەڭ، بولۇرسەن ھەممىگە ئاسىي.

ئۇ بەدبەختلەرنى ئىنساپقا كېلۇر دەپ ئويلىما ھەرگىز،

كۈرەش قىلماق بۈگۈندە بولدى ھەممە ئىشنىڭ ئەلاسى.

ئەگەر ئۆلسەڭ شېھىتسەن، تىرىك قالساڭ ئېتىڭ غازى،

بۇدۇر ھەقنىڭ كالامى، نىمشېھىتنىڭ ساڭا ئىماسى!

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك (RFA/Sintash)

20-فېۋرال كۈنى مەرھۇمنىڭ مېيىتى يەرلىككە قويۇلغاندا، ئامېرىكادىكى تېببىي دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «غۇلامىدىن پاختانىڭ ۋاپاتى خۇددى ئاسماندىن بىر يۇلتۇز ئۆچكەندەك شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى» دېدى.

2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى، «مەن ھاياتىمدا غۇلامىدىن ئاكىدەك ۋەتەن داۋاسىنى ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ قىلغان داۋا ئادەملىرىنى بەك ئاز كۆردۈم» دەيدۇ.

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك (RFA/Sintash)

مەرھۇم غۇلامىدىن پاختانىڭ قىزى دىلشات پاختا خانىم، دادىسىنىڭ مېيىتى دەپنە قىلىنىۋاتقان مىنۇتلاردا، دادىسىغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادامنىڭ بىزگە ۋە خەلقىگە قىلغان خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا دادامنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈسى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىرادىسى ئىچىدە چوڭ بولدۇم. مەن ئۇنىڭ ۋەتەن خەلقىنىڭ دەردىدە تالاي قېتىملار ئۈنسىز يىغلىغانلىقىنى كۆردۈم. ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە دادام سۆزلەشتىن قالغان، مەنمۇ ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرىنى ئاڭلاشقا ئامالسىز قالغان بولساممۇ، ئەمما دادامنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن نېمىلەرنىڭ كېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىدىم».

دىلشات خانىم يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مۇشۇ مىنۇتلاردا ئويلىرىم شۇنچىلىك كۆپكى، دادام ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن. مەن پەقەتلا ‹دادام ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئىنسان!› دېيەلەيمەن. شۇنداق، ھېسسىياتلىرىمنى سۆز بىلەن ئىپادە قىلالمايمەن، ئەمما دادامنى چىن قەلبىمنى سۆيىدىغانلىقىمنى تەكرار تەكىتلەيمەن!» دېدى.

ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمى كۆرۈنۈشلىرى. 2025-يىلى 20-فېۋرال، نيۇ-يورك (RFA/Sintash)

غۇلامىدىن پاختانىڭ ئوغلى كۇرشات پاختا ئەپەندىمۇ تۇپراق بېشىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن دادامنىڭ بىزگە ۋە خەلقىگە بېغىشلىغان چوڭقۇر سۆيگۈسى ھەمدە قىلغان بارلىق خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. مەن دادامنى چوڭقۇر سېغىنىمەن، ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ يەرگە، دادامنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەن جامائەتكە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!»

مەرھۇم غۇلامىدىن پاختانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن دوستى، ئامېرىكادىكى غەربىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئابدۇللا خوجا ئەپەندى، ۋىدا نۇتۇقى سۆزلەپ، غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ: «مەرھۇم غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بېغىشلىغان ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر، ھەقىقىي بىر پىداكار زات ئىدى» دېدى.