گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

28-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشتا خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. گۇاڭجۇدىكى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانۇنىي ياردەم بېرىش پونكىتى» تەرىپىدىن ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر يۇقۇمدارلارنىڭ 21‏-ئاپرېل كۈنى بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى سەھىيە ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تارقىتىلغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇش مۇشۇ ئاينىڭ 22‏-كۈنى تارقىتىلغان. ئۇقتۇرۇشتا يۇقۇمدارلارنىڭ 21-ئاپرېل كۈنى بايقالغانلىقى ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن داۋالىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقى ۋە تەپسىلاتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە سالاھىيەتلىك كىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئىككى گۇماندارنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن داۋالىتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قاچان ۋە نېمە ئىش بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

گۇاڭجۇدا ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىپ رېستوران ئېچىۋاتقان بىر تۇڭگان خانىم مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ رېستورانىغا تاماق يېگىلى كەلگەن گۇاڭجۇلۇق ساقچىلار ئۇنىڭغا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ئىككى كىشىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى تاپىلىغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارىتا دىققەتلىك بولۇشى تەۋسىيە قىلىنغان.

ئىلگىرى ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردە 2014‏-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا يۇرتلىرىغا ھەيدەلگەنلىكى؛ 2018-ۋە 2019‏-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاز بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئىككى يۇقۇمدارنىڭ ئوقۇغۇچى ياكى خىزمەتچى ۋە ياكى تىجارەتچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم بۇ ھەقتە يۇقۇم قوماندانلىق شىتابىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

بىز بۇ يۇقۇم قوماندانلىق شىتىبادىنمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك سەھىيە تارماقلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجۇدا بايقالغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەپسىلىي كىملىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېنىق ئېيتقان بۇ بۆلۈمدىكى خادىملار ئىككى يۇقۇمدارنىڭ ئىسمى ۋە يېشى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن بۇ ھەقتە ئوبلاستلىق يۇقۇم قوماندانلىق مەركىزىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئىككى يۇقۇمدارنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنى سورىغىنىمىزدا بۇ يۇقۇمدارلار ھەققىدە سىرتقا ئۇچۇر بەرمەسلىك ھەققىدە يۇقىرىدىن چۈشكەن ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋۇخەندە ۋىرۇس بايقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىن بىر تۈركۈم دوختۇر-سېستىرىلار ئاپەت رايونىغا ياردەمگە ئەكىلىنگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋىرۇسنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن ئىشچىلار يۆتكەلگەن. يۇقىرىقى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن گۇاڭجۇدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق كىملىكلىرى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.