غۇلجىدىكى بىر مەسچىتنىڭ مېھمانسارايغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى
2021.04.28
يېقىندا فەيسبوك، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مەسچىت ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدىكى بىر ھويلىدا، چاي ئىچىپ، ساياھەت قىلىۋاتقانلىقى، مەسچىتنىڭ ناماز ئۆتەش زالىدا ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىرىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلىنىپ، تورداشلار ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر سىن فىلىمىنى كۆرۈپ بۇ ئورۇننىڭ مەسچىت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى فەيسبوك تورىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.
توردىن ئىزدەش نەتىجىسىدە، غۇلجا خىتاي بازىرى ئەتراپىدىكى بىر مەسچىتنىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ، بېيجىڭلىق بىر خىتاي تىجارەتچىگە ھۆددىگە بېرىلىپ، «مەنزىرىلىك ھويلا» نامىدا ساياھەت ئورنى ۋە توي مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمان-سارايغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
توردىن خىتايچە «فەنجىڭ» يەنى «مەنزىرىلىك ھويلا» دەپ نام بېرىلگەن بۇ مېھمانساراي ھەققىدە بېرىلگەن تور ئېلانىنى تاپتۇق. ئېلانىدا، بۇ جاينىڭ، غۇلجىدا يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان «قازانچى ساياھەت رايونى» غا جايلاشقان ئالىي دەرىجىلىك كىچىك مېھمانساراي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئېلاندا ياۋروپا ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىقى بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر مەرىكە زالى، 9 ھۇجرىسى بار، 3 قەۋەتلىك پېشايۋانلىق بىنا ۋە گۈللۈك ھويلىسى بار بۇ ئارامگاھنىڭ ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى ئىستىراھەت ئورنى دەپ باھالانغانلىقى، شۇنداقلا بۇ جاينىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ياشلارنىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغان مەنزىرىلىك جاي دەپ باھالانغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئاتالمىش «فەنجىڭ» يەنى «مەنزىرىلىك ھويلا» دەپ نام بېرىلگەن بۇ مېھمانساراي ھەققىدە يەنە «ئىلى گېزىتى» دە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مېھمانساراي، 2020-يىلدىن باشلاپ تىجارەت باشلىغان، ئۇنىڭ خوجايىنى بېيجىڭدىن كەلگەن گو يىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ساياھەت-شىركەت خوجايىنى ئىكەن.
بىز ئاتالمىش «فەنجىڭ» مېھمانسارىيىنىڭ توردىكى ئېلانىدا قالدۇرۇلغان ئالاقە نومۇرى ئارقىلىق بۇ جايغا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفوننى ئالغان ئايال خادىم بىلەن بولغان سۆھبەت 1 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى.
ئۇ ئاۋۋال مېھمانخانىغا پەقەت تور ئارقىلىق تىزىملىتىشقا بولىدىغانلىقى، شۇڭا تېلېفوندا مۇلازىمەت بېجىرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاندىن ئۇ مېھمانساراينىڭ مۇلازىمىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «مېھمانخانىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ياشلارنىڭ قىز كۆچۈرۈش، تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش، تويى بولغان قىز يىگىت ۋە مېھمانلارغا ياتاق ئىجارە بېرىش قاتارلىق ھەقلىق مۇلازىمەتلەر بارلىقىنى، ئەمما مېھمانخانىنىڭ چەتئەللىكلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن 2020-يىلى تىجارەت باشلىغان بۇ مېھمانساراينىڭ ئىلگىرى مەسچىت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىمىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئاۋۋال ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.
ئاندىن ئۇ تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىن ئۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
فەيسبوك تورىدىكى ئىنكاسلاردا، ئاتالمىش «فەنجىڭ» يەنى «مەنزىرىلىك ھويلا» دەپ نام بېرىلگەن بۇ مېھمانساراينىڭ، مەسچىتتىن ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئەيىبلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇنىڭ غۇلجىدىكى «ئۆزبېك مەسچىتى» بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىمۇ ئىنكاسلار يېزىلغان.
غۇلجىدىن ئاۋسترالىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن، ئەمما ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ھەدىسى ئىلگىرى خىتاي بازىرى ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مېھمانساراي سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئىلگىرىكى «غۇلجا ئۆزبېك مەكتەپ» يەنى «5-ئوتتۇرا مەكتەپ» كە يانداش سېلىنغان «ئۆزبېك مەسچىتى» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكاغا كېلىپ يەرلەشكەن جەۋدەت ئەپەندىمۇ مەزكۇر مېھمانساراينىڭ غۇلجىدىكى خىتاي بازىرىغا يېقىن «ئۆزبېك مەسچىتى» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
جەۋدەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيى دەل «ئۆزبېك مەسچىتى» بار كوچىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ ئۆزىمۇ تاكى 2006-يىلى غۇلجىدىن ئايرىلغىچە، ئۇ بۇ مەسچىتتە كۆپ قېتىم ناماز ئوقۇغانىكەن.
ئامېرىكادىكى دىلشات ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجىغا 2016-يىلى ئاخىرقى قېتىم تۇغقان يوقلاشقا بارغىنىدا، غۇلجا «ئۆزبېك مەسچىتى» دە ناماز ئوقۇغانلىقىنى، 2017-يىلدىن كېيىن غۇلجىدىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسچىتنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىنكى تەقدىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجىدىكى قەدىمى مەسچىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئۆزبېك مەسچىتى»، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، يەنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە تاقىلىپ، 5-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. ئەمما 1980-يىللاردىن كېيىن، غۇلجىدىكى ئۆزبېك جامائىتىنىڭ نارازىلىقى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كېيىنكى يىللاردا يېڭىدىن بېزەلگەن غۇلجىدىكى ئەڭ كۆركەم مەسچىتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىكەن.