«غۇلجا» خىتايدا چەكلەنگەن تېمىغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.09.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
zumret-dawut زۇمرەت داۋۇت نيو يوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا
RFA

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كورۇنا ۋىرۇسى ئاساسەن كونترول قىلىنىپ كىشىلەر نورمال تۇرمۇشىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتايدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر سۈن چۈنلەن 9-سېنتەبىر كۈنى سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيدىن ئىلگىرى زور كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقالغان، ئەمما رادىيومىز تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان. بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرى 40 نەچچە كۈندىن بىرى قامال خاراكتېرلىك قاتتىق كارانتىنغا ئېلىنغان؛ ئۆيلىرىگە سولانغان ئۇيغۇرلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە ئېھتىياجلىق دورىلار ۋاقتىدا تەمىنلەنمىگەن؛ ئاچلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى ئارتىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا يېزىلغان بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يەرلىك ئاھالىلەر قاتتىق كارانتىنغا ئېلىنىپ، ئۆيلىرىگە سولانغان بولسىمۇ، غۇلجىدىكى ساياھەت رايونلىرى يەنىلا نورمال ئېچىقلىق ئىكەن.

رادىيومىزنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىدا ساۋۇت تۇرسۇن ۋە گۈلبەھرەم ئىسىملىك ئىككى كىشىنىڭ ئاچلىق ۋە ئېھتىياجلىق دورىسىنىڭ تەمىنلەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى دەلىللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى مەۋلان سىدىق دېگەن كىشىنىڭمۇ قامال مەزگىلىدە دورىسى ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان. شۇ يېزىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى زىيارىتىمىز جەريانىدا غۇلجا ناھىيەسىدە ئاز دېگەندە 12 كىشىنىڭ قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتايدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان دوۋيىن، ۋېيبو قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ھەددىدىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن غۇلجىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋىدىيولار «ئىلى ھەققىدە ئالاھىدە پاراڭلار» (伊犁超话) خەشتەگى بىلەن ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ۋىدىيولاردىكى ئۆيلىرىدە يەيدىغان نەرسىسى يوق، ئاچلىقتىن يىغلاۋاتقان كىچىك بالىلار ۋە بۇنىڭغا چىدىمىغان ئانىلارنىڭ ئاھۇ-پەريادلىرى، 16 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ يۈرەكنى يارغۇدەك ئېچىنىشلىق يالۋۇرۇشلىرى، ئېغىزىدىن قان كەتكەن ھالەتتە جان ئۈزگەن بىر ئەر كىشىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى. . . ناھايىتى غۇلغۇلا قوزغىغان.

بىراق، غۇلجىدا يۈز بېرىۋاتقان قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرىقى ئاقىۋەتلەر ھەققىدە تارقالغان ۋىدىيولار دوۋيىن، ۋېيبولاردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا غۇلجا خەلقىگە مەدەت بەرگەن، سالام يوللىغان مەزمۇندىكى ۋىدىيولامۇ دوۋيىن تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 2019-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان دوۋيىندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنى يىغىپ، فەيسىبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى غۇلجادىكى قاتتىق قامال كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ھەققىدىكى ۋىدىيولارنىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ باشتا تارقاتقانلارنىڭ بىرى يەنىلا زۇمرەت خانىم ئىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زۇمرەت خانىم توپلىغان غۇلجادىكى يۇقۇمغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەققىدە ئۇنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ غۇلجادىكى ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلارنى توپلىغان، كېيىن ئۇ ئۆزى دوۋيىن ۋە ۋېيبولاردىن چۈشۈرۈۋالغان ئاشۇ ۋىدىيولارغا ئائىت باشقا ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچى بولۇپ قارىغاندا، ئۇ ۋىدىيولارنى قايتا تاپالمىغان. زۇمرەت خانىم ئۇيغۇر رايوندىكى ئەھۋالنىڭ دوۋيىن ۋە ۋېيبولاردا تارقالغانلاردىنمۇ بەكرەك ئېغىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ غۇلجادىكى ھۆكۈمەت قاناللىرى 10-11-سېنتەبىر كۈنلىرى ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە «ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىقى» ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇلار ئۇقتۇرۇشتا يۇقۇم ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقانلارنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش» ۋە «سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 11-سېنتەبىر چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، ئىسىمنىڭ باش ھەرپى بىلەن ئاتىغان زۇ ئىسىملىك كىشىگە «ياشانغان كىشى ئاچلىقتىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن 5 كۈنلۈك؛ جوڭ ئىسىملىك (فامىلىلىك) كىشىگە «ئاھالىلەردىن بىرى بىنادا ۋارقىرىغانلىقى ئۈچۈن پىدائىيلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ چىشى تۆكۈۋېتىلدى» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتقانلىقىنى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك؛ سۇ ئىسىملىك كىشىگە توردا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن 5 كۈنلۈك؛ جاۋ ئىسىملىك كىشىگە توردا ئاممىنى بىنادىن چۈشۈپ يىغىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن 5 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە توردا «ئۆسەك سۆز توقۇغان، بۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە تارقاتقان» لارنىڭ يۇقىرىقىدەك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن غۇلجا شەھىرىدىكى مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاھالىلەرگە ناخشا-ئۇسۇل ئويناۋاتقان سىنلارنى ئىشلەپ يوللاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى تارقالغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان، ئەمما رادىيومىز تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بىر خىتايچە ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇقتۇرۇش: بۈگۈندىن باشلاپ، ھەر بىر مەھەللە سائەت بەشتىن بۇرۇن ئىككى قىسقا سىن يوللايدۇ، مەسىلەن: ھەقسىز تارقىتىلغان نەرسىلەر، كىشىلەرنىڭ ئائىلىدە چېنىقىشى، تاماق ئېتىش، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، پىدائىيلارنى مەدھىيەلەش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش دېگەندەك ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان قىسقا سىنلار گۇرۇپپىغا ئەۋەتىلىدۇ».

زۇمرەت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى لاگېردا ياتقان ۋاقىتتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئاشۇنداق ناخشا ئېيتقۇزۇپ، ئۇسۇل ئويناتقۇزۇپ ۋىدىيو تارقاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە غۇلجىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ رەھىمسىز ئاچ قالدۇرۇشتا بوۋاق بالىلارنىڭمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىكنى ئېيتىپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، غۇلجادا راستتىنلا ئېغىر ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، لېكىن بۇنىڭ يەرلىك كادىرلارنىڭ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى 12-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق قامال ھەققىدە «شىنجاڭنى قامال قىلىش: خىتاي يېمەكلىك ۋە دورا يېتىشمەسلىك توغرىسىدىكى يازمىلارنى يوق قىلىۋەتتى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، سىرتقى دۇنياغا غۇلجىدا بولۇۋاتقانلارنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، تۈنۈگۈن يەنى 12-سېنتەبىر تارقالغان بىر ۋىدىيودا بىر ئۇيغۇر ياش، غۇلجا ھەققىدە ھەر قانداق بىر گەپ قىلىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.