قامال مەزگىلىدە غۇلجادا جەسەتلەر توپلانغان، قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس
2022.10.28
ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجادا قامال مەزگىلىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى توپلانغان، ئەمما قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مۇسىبەتتىكى ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈلمىگەن. بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئىجرائاتىنى «ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» دېدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، غۇلجادا ئاچلىقتىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن يېقىنقى ئايلاردا، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ جەسەتلەرنى توپلىغان، ئاھالىلەرنىڭ مېيىتنى يۇيۇپ-تاراپ، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي يوسۇنلار بويىچە دەپنە قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن. غۇلجادىكى دادىسى ئاچلىقتىن تۈگەپ كەتكەن بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى تۈگىگەن كۈنى ئالاقىدار خادىملار ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولۇپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان نەبىجان ئەلا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ غۇلجا شەرق مەھەللىدە ياشاۋاتقان كىچىك دادىسى ئابلىمىت زۇنۇن، قامال مەزگىلىدە كېسەل بولۇپ قالغان ۋە داۋالىنىشقا ئىمكانى بولمىغانلىقتىن1 -ئۆكتەبىر كۈنى جان ئۈزگەن. ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر ئابلىمىت زۇنۇننىڭ جەسىتىنى شۇ كۈنىلا ئائىلىسىدىن ئېلىپ كەتكەن، ئەمما قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدە مۇسىبەتلىك ئائىلىگە تا ھازىرغىچە ئۇچۇر بەرمىگەن.
غۇلجا سۈيدۇڭدىكى بىر ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، غۇلجادا جەسەت توپلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلى بىر ئايچە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، مېيىتنى يۇيۇپ-تاراپ دىنىي ھۆكۈملەر بويىچە يەرلىكىدە قويۇشنىڭ ھەم مىللىي ئورپ-ئادەت ھەم دىنىي يوسۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر جەسەتلەرنى ئېلىپ مېڭىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئائىلىلەرگە بۇ جەسەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ياكى قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم، جەسەتلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ج خ تارماقلىرىنىڭ خەۋىرى بارلىقى، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ بايانلىرى ئارقىلىق يەنە غۇلجادا جەسەتلەرنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، خىتاي تەرەپنىڭ پەيلى ۋە ئادەتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، جەسەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىدىن ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ بىر خادىمى، تۈرمىدىن چىقىپ 40 كۈندىن كېيىن، يەنى قامال مەزگىلىدە جان ئۈزگەن 27 ياشلىق ئالىمجان ئابدۇرىشىتنىڭمۇ جەسىتىنى ساقچىلار بىر تەرەپ قىلغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ جەسەتكە ئىگە چىقالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغۇز ھايات ئىنسانلارنىلا ئەمەس، جەسەتنىمۇ خارلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، خىتاينىڭ قامال مەزگىلىدىكى جەسەت توپلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يوقۇرىدا قامال مەزگىلىدە غۇلجادا جەسەتلەرنىڭ توپلانغانلىقى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانغانلىقىنىڭ مۇسىبەتتىكى ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.