بىلگىيە ۋە گوللاندىيەدە «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2022.02.07
بىلگىيە ۋە گوللاندىيەدە «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-فېۋرال، بېلگىيە.
RFA/Uyghur'ay

2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرپىن شەھرىدە بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىش بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىشچىلار بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدىكى نامايىشىنىڭ قانلىق رەۋىشتە باستۇرۇلغانلىقى، نامايىشتىن كېيىن مىڭلىغان ياشلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نامايىشچىلار يەنە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ئاۋام جامائەتنى بۇ قېتىملىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كۆرمەسلىككە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-فېۋرال، بېلگىيە.

نامايىش شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا بېلگىيەلىكلەر، ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشقان.

رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى، يەرلىك ئاممىنىڭ ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-فېۋرال، گوللاندىيە.
1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-فېۋرال، گوللاندىيە.

شۇ كۈنى يەنە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدىمۇ چوڭ تىپتىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابلىز ئەپەندى نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.