غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2025.02.05
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-فېۋرال چارشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت؟» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.
بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى توختىماي شوئارلار توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان مەخسۇس باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق. غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىقىنىڭ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ زەنجىرسىمان كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ۋەھشىيلىك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ھادىسىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ».
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتىدا، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارشى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق سوغۇقتا سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ۋە ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلغانلىقىنى؛ بۇ نارازىلىق نامايىشقا چېتىلغان بارلىق كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر دەرىجىدە جازالىغانلىقىنى؛ نامايىشنى باھانە قىلىپ غۇلجادا ۋە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىك خەلقنى ھەر خىل قالپاقلار بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، تايلاندتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ساق-سالامەت تۈركىيەگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماي، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر خەلقىنى قوللاشقا ۋە ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.
نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان قاسىمجان داموللام سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇنىڭدىن 28 يىل ئىلگىرى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش روھىنى ئۇنتۇماسلىق، ئۇلارنىڭ پىداكار روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
نامايىشنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن، نامايىشچىلار بىردەك خىتايغا قارشى كۈرەش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشىنى ۋە ئازادلىققا چىقىشىنى تىلىدى.