مەلۇم بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۇچۇر يەتكۈزۈشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دوختۇرخانىلاردىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر دوختۇر، سېسترا ھەمدە داۋالاش خادىملىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش جىددىي خىزمىتىگە ماسلىشىش قارارى بويىچە كارانتىن قىلىنغان ئورۇنلاردا كېچە كۈندۈز خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىنكاستىن مېلىم بولۇشىچە، ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئائىلىسىگە قايتمىغان.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن غۇلجا شەھەرلىك مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
غۇلجا مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ پەقەت پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلاندى. تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي خادىم بىزنىڭ: «بۇ دوختۇرخانىدىمۇ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنى داۋالامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا: «دوختۇرخانىمىزمۇ يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمدارلىرىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، ئەمما دوختۇرخانىمىزدا ھازىر بىرمۇ يۇقۇمدار يوق، ئۇلار ھەممىسى كارانتىن قىلىنغان مېھمانخانىلاردا، دوختۇرلارمۇ شۇ مېھمانخانىلاردا» دەپ جاۋاب بەردى.
بىز يەنە: «ئۇنداقتا قايسى مېھمانخانىلاردا كارانتىن قىلىنىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ جاۋابەن: «كارانتىن قىلىنىۋاتقان مېھمانخانىلار بەك جىق، ئۇلارنىڭ قايسىلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ھەممە دوختۇر خادىملىرىمىز يۇقۇم كونترول خىزمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كارانتىن ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىنىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن» دېدى.
غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ تور بېتىدىن، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر ۋە داۋالاش خادىملىرى سانىنىڭ 97 نەپەر ئىكەنلىكى مەلۇم.
بىز رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستىكى «پەقەت ئۇيغۇر دوختۇرلار كارانتىن قىلىنغان جايلارغا مەجبۇرىي سەپلەنگەن» دېگەن ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن يەنە غۇلجا شەھەرلىك «جۇڭگوچە داۋالاش دوختۇرخانىسى» غا تېلېفون قىلدۇق. بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش بۆلۈمىدىن تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي دوختۇر، بۇ دوختۇرخانىنىڭ تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش ئورنى قاتارىدا ئەمەسلىكى، يۇقۇم تىزگىنلەش خىزمىتىگە بۇ دوختۇرخانىنىڭ خادىملىرى قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى نۇقتىلىق يۇقۇم تىزگىنلەش دوختۇرخانىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە «كارانتىن ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن مېھمانخانىلاردىكى يۇقۇم كونترول قىلىش خىزمىتىگە جۇڭگوچە داۋالاش دوختۇرخانىسىدىن دوختۇرلار سەپلەنمىدى» دېدى.
غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم تىزگىنلەش مەركىزى باش شتابى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزگە جاۋاب بەرگەن خادىم، قايسى مېھمانخانىلارنىڭ كارانتىن ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ سوئالىمىزغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمەي «يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى ھازىر ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىنىپ بولدى، بولمىسا كوچىلارغا ئادەملەر چىقامتى؟ ھەممە ئىشلار نورمال» دېدى.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دوختۇرلار ھازىرغىچە ئۆيلىرىگە قايتماي ئىشلەۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا بولسا: ««يۇقۇم ئەھۋالى تۈگىگەن بىلەن باشقا خىزمەتلەر باردە، باشقىسىنى يۇقىرىدىن سوراڭ، مەن بىلمەيمەن» دەپلا تېلېفونى قويدى ۋە تېلېفونىمىز قايتا ئۇلانمىدى.
غۇلجادىكى مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا غۇلجا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا قۇرۇلغان 4 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بولغان جېنجياڭ مېھمانخانىسىنىڭ پۈتۈنلەي كارانتىن ئورنى قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مېھمانخانا مۇلازىمەت خادىملىرىدىن بىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
بىز ئۇنىڭدىن غۇلجا ئۇيغۇر دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن دوختۇرلارنى ئىزدەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتقاندا ئۇ «بىزدە دوختۇرلار جىق قايسىسىنى ئىزدەيسىز؟» دەپ سورىدى.
بىزنىڭ «مۇنچە جىق دوختۇر بىر مېھمانخانىغا سەپلەنگەن بولسا بىمارلار، يۇقۇمدارلار قانچە؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ دەرھال جىددىي ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بېرىپ، : «بۇ مۇتلەق مەخپىيەتلىك، بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ دوختۇرنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز ئۇلارنى دوختۇرخانىدىن ياكى مەھەللە كومىتېتى ئارقىلىق ئىزدەڭ. بىز چاقىرىپ بېرەلمەيمىز» دېدى.
«نېمە ئۈچۈن دوختۇرلارنى ئۆيگە قايتقىلى رۇخسەت قىلمايسىلەر؟» دەپ سورىدۇق
ئۇ، «بۇ، بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى، بىزمۇ ئوخشاش ئۆيگە قايتقۇمىز بار، قايتالمايۋاتىمىز» دېدى.
«يۇقۇم كونترول قىلىندى دەۋاتقانغۇ يەنە نېمىشقا ئۆيگە قايتالمايسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ «بۇ سوئاللارنى سورىماڭ، بۇنى سىزگە دېيىشكە بولمايدۇ دېدىمغۇ، كىمدىنلا سورىساڭ ئوخشاش، جاۋاب بەرمەيدۇ» دېدى.
«ئۇنداقتا مېھمانخانىغا كىرىشكە بولامدۇ ؟» دەپ سورىدۇق.
ئۇ ئىنتايىن تاقەتسىزلەنگەن ھالدا «ئەلۋەتتە كىرگۈزمەيمىز» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بۇ مېھمانخانىغا بىر ئايدىن بۇيان زادى قانچىلىك بىمار ۋە دوختۇرلارنىڭ قامالغانلىقى نامەلۇم، بۇ مېھمانخانا 2017-يىلى 8-ئايدا مۇلازىمەت باشلىغان، 12 قەۋەتلىك بار ئالىي مېھمانخانا بولۇپ جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ياتاققا ئىگە ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئاتۇشتىكى ياشىڭ مېھمانخانىسىدا 99 نەپەر ۋۇخەنلىكنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقى رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ شۇ جايغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارا قىلىنغانىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 30-مارت ئېلان قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدا غۇلجا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئۈرۈمچىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، دىئاگنوز قويۇلغان يۇقۇمدار 18، داۋالاپ ساقايغىنى 18، ئۆلگەن سان 0 دەپ يېزىلغان. شۇنداقلا يەرلىك دائىرىلەر يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ بايقالمىغانلىقى، بىر ئايدىن بۇيان يۇقۇمنىڭ تارقىلىشتىن توختىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر 2 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 44 نەپەر يۇقۇمدار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇماتى كۆزەتكۈچىلەرنى قايىل قىلالمىغان.
«نيۇ-يورك پوچتىسى گېزىتى» ۋە «ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە خىتاي دائىرىلىرى كورونا ۋىرۇسىدىن 2019-يىلى دېكابىردىلا خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، بۇ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باستۇرۇپ قويغان.
3-يانۋار خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، خىتاينىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى مەخپىي تۇتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي سان مەسىلىدە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.
0:00 / 0:00