ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنت خىتاي ئىشلەپچىقارغان كامېرالارنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان
2023.05.12
گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامنىڭ شەھەرلىك پارلامېنتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان كامېرا ۋە بەزى يۇقىرى تېخنىكالىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن. قاراردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان كامېرا ۋە بەزى تېخنىكالىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر قارار لايىھەسىنى گوللاندىيەدىكى «دەنك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلەيمان قويۇنجۇ ئەپەندى سۇنغان بولۇپ، ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىدىكى كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن 4-ماي كۈنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.
گوللاندىيەدىكى «دەنك» پارتىيەسىدىن بولغان، نۆۋەتتە ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنتتا پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سۇلەيمان قويۇنجۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى گوللاندىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئۆتكەن يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىۋاتقان كامېرالارنى گوللاندىيەگە ساتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ كامېرالارنىڭ گوللاندىيەدە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىش خەۋپى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي شىركەتلىرى بۇ كامېرالارنى گوللاندىيەدە سېتىپ پۇل تاپسا، بۇ پۇلنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن. شۇڭا گوللاندىيەدە خىتاي شىركەتلىرى سېتىۋاتقان كامېرالارنى ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. بۇ تەلىپىمىز ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللاندى. بۇ قارارغا ئاساسەن ئامىستېردام شەھىرىدە خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كامېرالارنى ئىشلىتىش چەكلەندى. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەردىن تېخنىكا بۇيۇملىرى سېتىۋېلىنمايدىغان بولدى.»
ئامېرىكادىكى CBS خەۋەرلىرى تورىنىڭ 4-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھازىر «پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش» دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىغا 400 مىليون كامېرا ئورنىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەقىپ-نازارەت دۆلىتىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مۇشۇ كامېرالار ئارقىلىق 24 سائەت كۆزىتىلمەكتە ئىكەن. سۇلەيمان قويۇنجۇ ئەپەندى گوللاندىيەدە 12 ئۆلكە بارلىقىنى، بۇندىن كېيىن گوللاندىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «گوللاندىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ بۇنداق قارار ماقۇللىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىمۇ بۇ ھەقتە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايدىن مال ئىمپورت قىلغاندا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان-قىلمىغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ. شۇڭا ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بار نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ماللىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە چەكلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى، گوللاندىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، خىتايدا كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بۇ قارارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە گوللاندىيەنىڭ باشقا ئۆلكە-شەھەرلىك پارلامېنتلىرىدىمۇ ماقۇللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گوللاندىيە پارلامېنتى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.