گوللاندىيەنىڭ كۇلەمبورگ شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان
2023.09.22

21-سېنتەبىر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆبىسى گوللاندىيەنىڭ كۇلەمبورگ (چۇلەمبورگ) شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر سۆھبەت مۇنبىرى تەشكىللىگەن. كەچ سائەت 19:00 دا باشلىنىپ 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتكە يەرلىك گوللاندىيەلىكلەردىن باشقا، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. سۆھبەتنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كوس ئەپەندى سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
بۇ سۆھبەتكە داخىل بولغان گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، سۆھبەتتىن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىققان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلار ئورۇن ئالغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئاندىن گوللاندىيەدىكى «دەبالىيە » تېلېۋىزىيە قانىلى ئىشلەپ تارقاتقان «خىتاينىڭ ئۇزارغان قولى» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بايان قىلىنغان فىلىملار كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر سۆھبەتكە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن ئابدۇرەھىم غېنىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىگە دۇچ كېلىش ۋەقەلىرى توغرىسىدىمۇ سوئال -جاۋابلار بولۇپ ئۆتكەن. سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ئالىمجان بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزى تۇنجى قېتىم داخىل بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ سۆھبەتنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ھەسسىلەر قېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، گوللاندىيە ئامېرىكا ۋە كانادادىن كېيىنلا 3-بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»دەپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىكەن ھەمدە گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىكەن.