گوردون چاڭ: «خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت مەغلۇب بولغان بىر سىياسەتچىنى مۇكاپاتلاۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە كەڭ كۆلەملىك كورۇنا ۋىرۇسىنى كونترول قېلىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ «تەرەققىيات يولىدا ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى» نى جاكارلىغانىدى. خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلىگەن، ئەمما خىتاينىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 7-ئايلىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 19.3 پىرسەنتكە يەتكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىنپىڭ «كورۇنا ۋىرۇسىنى 0 گە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەر تولۇق ياكى قىسمەن قامال قىلىنغان. پۇقرالارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ۋە ھايات كەچۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2022-يىلى خىتاي ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ناھايىتى ناچار بىر يىل بولدى. شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىدا ماۋ زېدوڭدىن قالسا ئەڭ ئۇزۇن ھوقۇق تۇتقان كىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ دۆلەت ئىچىدىكى قوللانغان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان بىر كىشىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم سايلىنىش ئېھتىماللىقى بۇ سىستېمىنىڭ قانچىلىك بىنورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ سىياسى سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە مەغلۇپ بولغان بىر سىياسەتچىنى مۇكاپاتلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەسىلىسى شۇ يەردىكى، خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىقاتقا تايانماقتا، ئەمما كىشىلەر بەرىبىر ھەقىقەتنى كۆرىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلىشىۋاتىدۇ، كورونا ۋىرۇسىنى يوقىتىش سىياسىتى بويىچە پۈتۈنلەي قامال قىلغانلىقتىن پۇقرالار نارازى بولىۋاتىدۇ. مەسىلىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى چېقىۋاتىدۇ. خىتاي مەسىلىنى خالىغىنىچە بۇرملاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ھامان رېئاللىقىنى كۆرەلەيدۇ.»

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەسىلىلىرى كۆپەيگەنسېرى، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا سولاش، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتايغا قارىتا دىققەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچلىقى» نىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىنىشى جىددىي تەلەپ قىلماقتا.

تۈركىيە ھاجىتېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئۆزىنى بىلەلمەي ياپونىيە بىلەن بولغان دېڭىز تەۋەلىكىنى تالىشىش جىدىلىنى ئۇلغايتماقتا. ئۇ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەسلىلىرىدە خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى بۇزغان ئەڭ چوڭ مەسىلە، شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق سىياسىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان، خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە قاتتىق ئامېرىكاغا قۇرۇق پوپۇزا كۆرسىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، يەنى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلغانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىمۇ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارادا «خىتاينىڭ قۇرۇق تەھدىتلىرىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقى» ئاشكارا بولۇپ، بۇ ھەقتە قاتتىق مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيۋەن ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاقتاشلىق كىتابىغا 1993-يىلى ۋە 2000-يىلى تەكىتلىگەن «بىرلىككە كېلىش» دېگەن سۆزنى كىرگۈزگەن. خىتاينىڭ 22 يىلدىن كېيىن ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتابى» نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخسىدا ئىلگىرىكى نۇسخىلاردا تىلغا ئېلىنغان «بېيجىڭ تەيۋەنگە ئەسكەر ياكى مەمۇرىي خادىم ئەۋەتمەيدۇ» دېگەن قۇرلار چىقىرىۋېتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ يىللاردىن بۇيان تەستە قولغا كەلتۈرگەن ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە خىتاينىڭ تەيۋەننى «بىرلىككە كەلتۈرۈش» تەك سىياسىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بولغان كۆزقاراشلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. نەچچە يىل بۇرۇن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەر شى جىنپىڭنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتايقا قاراتقان سىياسەتلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ خىل قايتا ئويلىشىىش تېخىچە بەك ئۈنۈمىنى كۆرسەتمىدى، مەسىلە تەرەپلەرنىڭ تېزراق قارار چىقىرىشىدا قالدى. ئەمما مۇھىم بولغىنى شۇكى، ھەرقايسىي دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە توغرا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە گوردون چاڭ ئەپەندى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا يولغا قويغان خاتا سىياسەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇتەخەسسىسلەر، 69 ياشلىق شى جىنپىڭنىڭ يۈرگۈزگەن شۇنچە كۆپ خاتا سىياسەتلىرىگە قارىماستىن، ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارلىق ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسگە مۇددەتسىز ئولتۇرۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.