مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟

0:00 / 0:00

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن يۈرۈشلۈك سۆھبەت (3)

گۈلباھار خاتىۋاجى: يولۋاس ئورۇندۇقتا سوراق قىلىنىمىز، ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقى ئاخىرى چىقماس پسىخولوگىيەلىك خورلاشلار ئىدى

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بىلەن رادىيومىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبىتىمىزنىڭ 3-سانى، ئۇنىڭ قارىماي جەرەنبۇلاقتىكى جازا لاگېرىغا بىر يېرىم يىل سولىنىش جەريانىدىكى كەچمىشلىرى ئۈستىدە داۋام قىلىدۇ.

فىرانسىيەدىن يۇرتىغا قايتقان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم دەسلىپىدە قارىماي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى قارىماي شەھەرلىك تۇتۇش تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويۇلغان. 5 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنى يەنى، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جەرەنبۇلاققا جايلاشقان جازا لاگېرىغا ئالاھىدە قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تۇتقۇنلار قاتارىدا يۆتكىگەن. بۇ جازا لاگېرىغا ئۇ 2018 يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە سولانغانىكەن. گۈلباھار خانىم بۇ قاباھەتلىك جازا لاگېرىدا ئۇچرىغان ۋە شاھىت بولغان قانۇنسىز قولغا ئېلىنىش، ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق، سوغۇققا مەجبۇرلىنىش، مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرى، يولۋاس ئورۇندۇقتا سوراق قىلىنىش، ئېنىقسىز دورا ۋە ئوكۇلغا مەجبۇرلىنىش، چېچىنى مەجبۇرىي كېسىشتەك خورلۇقلار ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ جازا لاگېرىدىكى كەچمىشلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىلەر.