
لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن يۈرۈشلۈك سۆھبەت (4)
گۈلباھار خاتىۋاجى: ۋاقىتلىق لاگېردا 9-نومۇرلۇق مەھبۇس ئىدىم، رەسمىي لاگېرغا كۆچۈرۈلگەندىمۇ شۇ نومۇرۇم ئۆزگەرمىدى، ئەمما سانىمىز كۆپەيدى.
دەسلەپتە قارىماي جەرەنبۇلاقتىكى ۋاقىتلىق ئاياللار لاگېرىغا 9-نومۇرلۇق مەھبۇسى سۈپىتىدە قامالغان گۈلباھار خاتىۋاجى، 4 ئايدىن كېيىن بۇ جايدىن 200دىن ئارتۇق تۇتقۇن بىلەن تەڭ يېڭىدىن سېلىنغان رەسمىي چوڭ لاگېرغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇ 500دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بىلەن يېڭى لاگېرنىڭ ئالاھىدە قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان رايونىغا قامالغان. گۈلباھار خانىمنىڭ لاگېردىكى خورلۇق ۋە ئازابلىق كەچمىشلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلگەنلىكى ۋە سىستېملاشتۇرۇلغانلىقىدەك تەرەپلىرىنىمۇ ئاشكارىلىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ گۇلباھار خاتىۋاجى خانىم بىلەن «مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟» تېمىسىدا ئېلىپ بارغان يۈرۈشلۈك سۆھبىتىنىڭ 4-سانىنى ئاڭلىغايسىلەر