«مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-02-02
Share
«مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟» لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم.
Gülbahar Xatiwaji teminligen

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن يۈرۈشلۈك سۆھبەت (5)

گۈلباھار: ساقچىلار سېنى قويۇپ بېرىمىز دېگەندە ھېچقانداق ئىنكاسمۇ قايتۇرمىدىم، چۈنكى بىزگە لاگېرنىڭ ئىچىمۇ، سىرتىمۇ ئوخشاش ئىدى

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بىلەن رادىيومىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبىتىمىزنىڭ 5-سانىنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز، سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ 2 يىلدىن ئارتۇق تۈرمە ۋە لاگېرنىڭ زۇلمەتلىك كامېرلىرىدىكى خورلۇق ۋە ئازابلارغا قانداق بىر كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقى، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىككە قانداق بىر ئىرادە ۋە ئىشەنچ ئىلھام بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

گۈلباھار خانىمنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن تۇتقۇنلۇق ھاياتىدا، ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزىنىڭ جازا لاگېرىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىقىشقا بولغان ئۈمىدىنى ھېچقاچان يوقاتمىغان بولسا، ئۇنىڭ فىرانسىيەدە قالغان ئېرى ۋە ئىككى قىزىمۇ، فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ گۈلباھار خانىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشنى توختاتماي تەلەپ قىلغانىدى. نەتىجىدە گۈلباھار خانىم 2019-يىلى-8 ئاينىڭ 21-كۈنى پارىژغا كېلىپ ئىككى قىزى ۋە ئېرى بىلەن جەم بولدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى رەسمىي قويۇپ بېرىشتىن ئاۋۋال، ئېغىرلىقى 40 نەچچە كىلوغا چۈشۈپ قالغان گۈلباھارنى 3 ئاي مەخسۇس ياخشى تاماق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، نازارەت ئاستىدا باققانىكەن.

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئۆزىنى لاگېردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى، ساق سالامەت لاگېردىن چىقالىغان، بولۇپمۇ چەتئەللەرگە كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولالىغان تەلەيلىك بىرى ھېسابلايدۇ. گۈلباھار خانىم فىرانسىيەگە كەلگەندىن كېيىن لاگېر سەرگۈزەشتلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقتى. «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق يېقىندا فىرانسىيەدە نەشردىن چىققان بۇ كىتاب، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت