گۈلباھار مەھمۇتجان خاتىپھاجى: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى پۈتۈنلەي يالغان»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-02-25
Share
گۈلباھار مەھمۇتجان خاتىپھاجى: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى پۈتۈنلەي يالغان» لاگېر شاھىدى گۈلباھار مەھمۇتجان خاتىپھاجى.
Social Media

فرانسىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى گۈلباھارنىڭ «خىتاي گۇلاگىدا ھايات قالغۇچى» ناملىق ئەسىرىگە قارشى 23-فېۋرال بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا گۈلباھارنى «سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچى ۋە تېرورچى» دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، گۈلباھار خاتىپھاجىنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان «خىتاي گۇلاگىدا ھايات قالغۇچى» ناملىق ئەسىرى فرانسىيەدە زور تەسىر قوزغىغان. نۇرغۇنلىغان داڭلىق مەتبۇئاتلار بۇ كىتاب ھەققىدە خەۋەرلەر تارقاتقان ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان. گۈلباھارنىڭ لاگېردىكى ھايات كەچمىشلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان جازا لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلەرنى جانلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. كىتابنىڭ فرانسىيەدىكى كۈچلۈك تەسىرى خىتاي ئەلچىلىرىنى بىئارام قىلغان.

«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ يېڭى كىتابىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ‹بىر تۇتام قۇرۇق گەپ› دەپ ئەيىبلىدى» ناملىق بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا گۈلباھارنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. باياناتتا يەنە گۈلباھارنىڭ 2012-، 2014-، 2016-يىللىرى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى زىيارەت قىلغان مەزگىللىرىدە «بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

بىراق فرانسىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان گۈلباھار بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ باياناتىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان-ياۋىداقلار بىلەن تولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا گۈلباھارنى ھەر قېتىم ۋەتەنگە بارغاندا «ۋەزىپە بىلەن بارغان» دەپ ئەيىبلەپلا قالماستىن، يەنە گۈلباھار ئائىلىسىنى «چەت ئەلدىكى بۆلگۈنچى تەشكىلات بولغان د ئۇ ق غا ئەزا بولغان» دەپ قارىلىغان. گۈلباھار بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن د ئۇ ق بىلەن ئالاقىسى بولمىغانلىقىنى ھەمدە چەت ئەلدىمۇ ھېچقانداق سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۈلباھارنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى گۈلباھار ئىلگىرى خىزمەت قىلغان قارامايدىكى «سانائەت تېخنىكا شىركىتى» ئۇنى فرانسىيەدىن يۇرتى قارامايغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئاندىن تۇتۇپ سولىغان. بىراق خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا گۈلباھارنى «ئۆزى كەلگەن» دېگەن ھەمدە ئۇنى «لاگېردا يېتىپ باقمىغان» دەپ يالغانچىلىقتا ئەيىبلىگەن. گۈلباھار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ باياناتىدىن بىئارام بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاينىڭ بۇ بىچارىلىقىغا كۈلگىسى كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ۋە ئىنكاسلار خەلقئارادا كۆپەيگەنسىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۇنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. فرانسىيەدىكى «ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ مەسئۇلى دىلنۇر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرى جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ماقالىلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىپلا قالماستىن، يەنە بەزى فرانسۇز قەلەمكەشلەرنىمۇ ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملارنى يوققا چىقارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت