ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ھاياتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.09.16
guldiyar-tengritaghli تۈركىيەدە تونۇلغان ياش ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى، 2024-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
Photo: RFA

تۈركىيەدە تونۇلغان ياش ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى، 2024-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇكاپات تۈركىيەدىكى «فىلىم سانائىتى ۋە سەنئەتچىلەرنى كۈچەيتىش فوندى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، گۈلدىيارنىڭ «يالى چاپقىنى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن مۇزىكىسى بۇ يىللىق «ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى» بولۇپ باھالانغان.

ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

گۈلدىيار تەڭرىتاغلى تۈركىيەدىكى «ستار تېلېۋىزىيەسى قانىلى» دا تارقىتىلىۋاتقان داڭلىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «يالى چاپقىنى» نىڭ مۇزىكا كومپوزىتورى بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېكايە ۋەقەلىكى، ماھىر ئارتىسلىرى ۋە فىلىم ۋەقەلىكىگە ماسلاشقان مۇزىكىلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

 گۈلدىيار تەڭرىتاغلى 13-سېنتەبىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ۋە مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاۋسترىيە موزارت سالزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوركېستىر پىيانىنو كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشنى تاماملىغان. 2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە تۈركىيەدىكى «كالان مۇزىكىسى» ناملىق مۇزىكا شىركىتىدە ئىشلىگەن. 2020-يىلى «تەڭرىتاغلى» ئىسمىدا ئۆزىنىڭ مۇزىكا شىركىتىنى قۇرغان ۋە تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئۈچۈن مۇزىكا ئىشلەشكە باشلىغان ئىكەن.

گۈلدىيار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزگىلدە ئۇ «سېنى بەك كۈتتۈم»، «ئاتا»، «شاھانە ھاياتىم»، «يالى چاپقىنى»، «ئەگەر بەك سۆيسەڭ»، «گۈلجامال»، «ۋىدا مەكتۇپى» قاتارلىق فىلىملارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ فىلىملارغا ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ «يالى چاپقىنى» غا ئىشلىگەن مۇزىكىسى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

تۈركىيەدە تونۇلغان ياش ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى، 2024-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.
تۈركىيەدە تونۇلغان ياش ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى، 2024-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.

گۈلدىيار تەڭرىتاغلى يەنە ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىغا ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا مۇزىكا ئىشلەشنىڭ يۇقىرى كەسپىي ماھارەت ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن فىلىم مەزمۇنىغا ماس كېلىشتەك يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلدىيار 5 يېرىم ياش چېغىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كىچىك چېغىدىلا مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن پىيانىنو دەرسى ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ تۈركىيەدە پىيانىنو كەسپى بويىچە مۇنتىزىم مۇزىكا تەلىماتىنى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا باشلىغان بولۇپ، كېيىنچە تۈركىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت-مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان ئىكەن. ئۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا مۇزىكا كەسپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيەگە بېرىپ موزارت سالزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوركېستىر پىيانىنو كەسپىدە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

گۈلدىيارنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاپىسى گۈلزادەم خانىم، گۈلدىيارنىڭ بۈگۈن ئېرىشكەن نەتىجىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇنتىزىم مۇزىكا تەربىيەسى ۋە جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلزادەم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزى گۈلدىيار سەنئەت مۇھىتىغا تويۇنغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر ياش چېغىدىلا ئۇنىڭ مۇزىكا سېزىمى ۋە تالانتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى بايقالغان.

تۈركىيەدە تونۇلغان ياش ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى، 2024-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.
تۈركىيەدە تونۇلغان ياش ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى، 2024-يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.

گۈلزادەم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى يىللىرى ئۇ يولدىشى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قىزى گۈلدىيار بىر مەزگىل قۇمۇلدىكى مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇتۇپ، دەسلەپكى مۇزىكا تەربىيەسىنى شۇ يەردە ئالغان ئىكەن. گۈلدىيارنىڭ قۇمۇلدىكى موما-بوۋىسى ئۇيغۇر سازلىرىنى چېلىشقا ماھىر بۇ بىر جۈپ مويسىپىتلار بولۇپ، نەۋرىسىگە ئۇيغۇر كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگەتكەن ئىكەن.

گۈلزادەم خانىم سۆزىنى داۋام قىلىپ، قىزى گۈلدىيار 5 يېرىم يېشىدا تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا پىيانىنو ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزىكا ساھەسىدە ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈلدىيار تۈركىيەدىكى مىمار سىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە ئاۋسترىيەدىكى موزارت سالزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 8 يىل ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم كونسېرتلارنى بەرگەن.

 گۈلدىيار تەڭرىتاغلىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا تۈركىيەدە داڭقى چىققان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن «ئاچچىق ئالما»، «ئاتا»، «شاھانە ھاياتىم» ۋە «يالى چاپقىنى» قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.