گۈلىستان: ئائىلەمدىن خەۋەرسىز قېلىپ يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشاپ قالدىم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-05-29
Share
gulistan-eziz-yaponiye.jpg ياپونىيەدە ياشاۋاتقان گۈلىستان ئەزىز خانىم.
RFA/Gülchéhre

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، يۇرتىدا قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، تېلېفونلارنىڭ جاۋابسىز قېلىشى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋالغا ئايلاندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىشى بىلەن بىر پەيتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا زور ئەندىشە ۋە ئازابلارنى سېلىۋاتقان بىر ئېغىر مەسىلە. ياپونىيەدە ياشاۋاتقىنىغا 14 يىل بولغان گۈلىستان پەقەت بىر ئىنىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن باشقا، قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن خەۋەر ئالالماي تەشۋىش ۋە ئېغىر روھېي بېسىملارنى يۈدۈپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىسالى.

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس بىلىم ئېلىشقا چىققان ۋە ئۆز كەسپىدە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپلىقى ئىلگىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر سۇس بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي بېسىملىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

بۇنىڭدىن 14 يىل ئاۋۋال ياپونىيەگە كېلىپ، يېقىنقى يىللاردا ياپونىيە گىراژدانلىقىنى ئالغان گۈلىستان ئېزىز ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقاندىن باشقا يېقىندىن بۇيان ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ياپون مەتبۇئاتلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ھالبۇكى ئۇ ياپونىيە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك، ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىگە قايتىپ باقمىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇنى ياپونىيەگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىپ پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىغان. گۈلىستاننىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلىستاننىڭ ياپونىيەدە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىگە توختىماي تەھدىت ۋە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن ئىكەن.

«ھېچ بولمىغاندا ئىنىم بولسىمۇ ياپونىيەدە ئوقۇپ قالسۇن» دېگەن گۈزەل ئارمانلار بىلەن، ئىنىسىنى ياپونىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن گۈلىستاننىڭ بۇ چۈشى، ئىنىسىنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلانغان.

ئەركىن ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار گەرچە ئوخشاش پاجىئەگە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق دەۋالىرىدىمۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن گۈلىستان 2018-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى يۇتۇب ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆز ئىنىسى، 19 ياشلىق ئەسقەر بەكرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە «مىتو خەشتەگ ئۇيغۇر» نامىدىكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا يېتىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتىگىمۇ ئاۋاز قوشقان. ئۇ، 2018-يىلى 14-دېكابىر، ياپونىيە ن خ ك تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. بۇ ياپونىيە جامائىتى ئارىسىدا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تەسىر قوزغىغان.

بۇ يىل 4-ئايدا گۈلىستان 14 يىل كۆرمىگەن دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالغان. ئۇ، دادىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال تېلېفوندا ئۇنىڭغا «قاچان كېلىسەن قىزىم؟» دېگەن سۆزى ئۇنىڭ دادىسى بىلەن قىلىشقان ئەڭ ئاخىرقى سۆز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.

ھالبۇكى گۈلىستاننىڭ بېشىغا كەلگەن قارا كۈن بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەن، دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغرىقچان ئانىسى سەلىمىخان ھەسەن، ھەدىسى مېھرىگۈل ئېزىز ۋە ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئىككى بالىسى بولۇپ ئۈرۈمچىدە قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكى، ئۆلۈك تىرىكلىكىدىن خەۋەرسىز قالماق ئۇنى ئۆلۈمدىنمۇ بەكرەك ئازابلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى چوڭقۇر ئەندىشىگە چۆككەن، ئازابلىق ھالىنى «مەن خۇددى تىرىك مۇردىغا، ئەينى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشاپلا قالدىم. . .» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرى بولۇۋاتقاندا ياپونىيە ئاخباراتلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە باھالارغا كەڭ ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. بۇلتۇر، 18-ئۆكتەبىر كۈنى «ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بۇ خىل خالىغانچە باستۇرۇش قىلمىشىغا چەك قويۇش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۆپ قىرلىق زۇلۇمغا باش مىنىستىر شېنزو ئابېنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان ۋە شۇنداقلا نويابىر ئېيىدىكى ب د ت يىغىنىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلە ھەققىدە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىلغانىدى.

گۈلىستاننىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىدىغان خەۋەرلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلى كۆپ بېسىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا ئاشكارا ياكى ئاكتىپ بىر ئىنكاس تېخى ئىپادىلەنمىگەن. ئەمما، ياپونىيەدە نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ھېسداشلىق قىلىپ قوللاپ كەلمەكتە ئىكەن.

گۈلىستان خانىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە مىليونلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن بىرگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتامۇ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھەم ئۇلارغا تەھدىت سېلىشتەك پسىخولوگىيەلىك خورلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە تونۇشقا ۋە بۇ تراگېدىيەلەرنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت