مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن «كەڭچىلىككە ئېرىشىپ» جازا مۇددىتى مۇددەتسىزدىن 19 يىل 8 ئايغا چۈشۈرۈلگەن
2021.06.17
قەشقەردىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا 5-ئىيۇل نامايىشىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئاتالمىش پۇشايمان باياناتى تەشۋىق قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ مۇددەتسىزدىن 19 يىل 8 ئايغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، تۈرمىدە مۇھىم مەھبۇسلارنىڭ پۇشايمان باياناتىغا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ۋە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گۈلمىرە ئىمىننىڭمۇ دەل شۇنداق قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى 19 يىللىق كېسىلىش بىلەن مۇددەتسىز كېسلىشىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«5-ئىيۇل» ۋەقەسىگە چېتىلىپ ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان ۋە دېلوسى خەلقئارادا كەڭ-كۆلەمدە بىلىنگەن مەھبۇسلاردىن بىرى گۈلمىرە ئىمىندۇر. گۈلمىرە ئىمىن ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىز-دېرىكى سۈرۈشتە قىلىنغان، ئەمما خىتاي تەرەپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەنىدى. بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئىزچىل ھالدا مەلۇمات سورىدۇق. بىر مەزگىل قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا، يەنە بىر مەزگىل ئوپال لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئاتالمىش پۇشايمان باياناتىنى سىنغا ئېلىپ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا تەشۋىق قىلغان. دېيىلىشىچە، مەزكۇر فىلىمدا، گۈلمىرە ئىمىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا جازا مۇدىدىتىنىڭ مۇددەتسىزدىن 19 يىل 8 ئايغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ بىر يېرىم يىللىق تۇتقۇن ھاياتىدا كۆرگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئېغىر بىر قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەھبۇسلار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەرنى ئاممىۋى سورۇنلاردا توۋا قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، شۇ مەھبۇسنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا مەھبۇسلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ۋە روھىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئالىي مەلۇماتلىق بىر زىيالىي ئىكەنلىكى، سىياسىي كۆزقاراشلىرىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى ھەقسىزلىق-ۋەھشىيلىكلەرنى كۆرۈپ تۇرغان مەزگىلدە ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسان تەبىئىتى نۇقتىسىدىن مۈمكىنسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، جازا مۇددىتىنىڭ مۇددەتسىزدىن 19 يىلغا چۈشۈرۈلۈشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇ نۇقتىنى گۈلمىرە ئىمىننىڭمۇ ياخشى چۈشنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىشىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق. چۈنكى ئۇ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە ھەر قېتىملىق چىققان سىياسىي بوراندا قايتىدىن تۇتۇلىدۇ.
يولۋاس ئەپەندى، گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى بۇ يېڭى ئۇچۇرنىڭ مەيلى گۈلمىرەنىڭ ئۆزى ۋە ياكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن بىر ياخشىلىق ياكى ئىلگىرىلەشتىن بېشارەت ئەمەسلىكى، بۇ پەقەت خىتاينىڭ غەيرىي ئىنسانىي تۈرمە باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئوخشاش ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
2000-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن گۈلمىرە ئىمىن، تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 10 نەچچە مىڭ نوپۇسلۇق بىر ئاھالىلەر رايونىنىڭ مۇدىرى ۋە «سەلكىن» تور بېتىنىڭ تەھرىرى ئىدى. ئۇ، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل نامايىشىنى تەشكىللىگەن بەش شەخسنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، مەزكۇر نامايىشتىن 9 كۈن كېيىن ئاقسۇدا قولغا ئېلىنغان. گۈلمىرەنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ۋە تەقدىرىگە ئېچىنغان ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ساندرا جولېي خانىم، ئۇنى «مەنىۋى قىزى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ۋە داۋاملىق ئىز-دېرىكىنى قىلىپ تۇرۇۋاتقانىدى.
يۇقىرىدا مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ جاا زمۇددىتىنىڭ مۇددەتسىزدىن 19 يىلغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدە ئېغىر بىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.