يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۈرمىگە قامالغان ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ كۆپىيىپ دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.
ئۇلاردىن 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان «سەلكىن تورى» نىڭ تور باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن، 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور راھىلە داۋۇت، دوختۇر گۈلشەن ئابباس قاتارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئىسمى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر.

خەلقئارادىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان گۈلمىرە ئىمىن، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» پارتلاپ 9 كۈندىن كېيىن 14-ئىيۇل قولغا ئېلىنغان. ئۇ ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىن «سەلكىن» تورىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، گۈلمىرە ئىمىن 2010-يىلى 4-ئايدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
شۇندىن بۇيان گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى كۆپ قېتىم باياناتلار ئېلان قىلىپ، ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى.
بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدىن كېيىن، 2010-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئىمىن خەلقئارادىكى تۇتقۇندىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى قاتارىدا ئىسمى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. 2018-يىلى «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ئۇنى رەسمىي ھالدا «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» تىزىملىكىگە ئالدى. 2019-يىلى 8-ئاۋغۇست كۈنى «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ئەزالىرىدىن تېنزىن دورجى ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا «گۈلمىرە ئىمىنگە بېرىلگەن چېكىدىن ئاشقان ناھەق جازا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە باشقا زىيانكەشلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئالدىن بېشارىتى» دېگەن.
2020-يىلى 3-ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى جەيمىس مىكگوۋېرن ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيو ئىمزالىقىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى خىتايدا قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلغان مەكتۇپقا قوشۇپ ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ گۈلمىرە ئىمىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ناھەق ھالدا خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان گۈلمىرە ئىمىن، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2017-يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇت يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن نامى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يەنە بىرى.
2020-يىل 23-نويابىر كۈنى، ئامېرىكادا رۇز ئىنگرەم ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت نەدە؟» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان 386 نەپەر ئالىم ۋە تەتقىقاتچى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا سولانغان ياكى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، كۆپىنچىسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ خەتەر ئاستىدىكى ھاياتىغا دىققەت قىلىش چاقىرىلغان. دوكتور راھىلە داۋۇت بۇ يىل 11-ئايدا يەنە 2020-يىللىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار چەتئەلدە ئېرىشكەن يۇقىرى شان-شەرەپلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.
دوكتور راھىلە داۋۇت، 2017-يىلى 12-ئايدا غايىب قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان قىزى ئەقىدە پولات ۋە ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئەڭ دەسلەپ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.
راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاپىسى راھىلە داۋۇت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەندىن كېيىنكى 3 يىلدىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتىكەن.
ئەقىدە پولاتنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 3 يىللىقىغا ئاتاپ تور يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تور يىغىندا، 2017-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. تور يىغىنىدا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى پەرزەنتلىرىدىن، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇرات ۋە تۈركىيەدىكى جەۋلان شىرمۇھەممەت تۇتقۇندىكى ئاپىسى سۈرىيە تۇرسۇن ھەققىدە ئىسپات بېرىدىكەن. مەزكۇر تور يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى رايان توممۇ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.