شاھىت گۈلپىيە قازىبېك: «پۇت-قولى دوختۇرخانا كارىۋىتىغا كىشەنلەپ قويۇلغان ئاپام ‹بالام مېنى قۇتقۇزۇۋال› دېدى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.12
gulpiye-qazibek-frontal لاگېر شاھىتى گۈلپىيە قازىبېك ZDF قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
www.zdf.de

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىغا مەجبۇرىي قاتنىشىپ، تۇتقۇن جەريانىدىكى ۋە لاگېردىكى نۇرغۇن تراگېدىيەلىك ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان گۈلپىيە قازىبېكنى قاتتىق ئازابلىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ باستۇرۇشتا، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلىشى بولغان.

نۆۋەتتە، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گۈلپىيە قازىبېكنىڭ 2017-يىلى تۇنجى باسقۇچلۇق تۇتقۇندا تۇتۇپ كېتىلىپ 8 ئايغىچە خەۋىرىنى ئالالمىغان ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن، 8 ئاي كېيىن لاگېردىن غۇلجا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا داۋالاشقا ئېلىپ چىقىلغاندا ئاندىن خەۋىرى بولغان.

گۈلپىيە قازىبېكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى كېيىنرەك ئائىلىدە نەزەربەند قىلىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئەڭ قاتتىق ئازابلىغان ئىشلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئانىسىنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارغاندا ئانىسىنىڭ قىلغان نىداسى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا، غۇلجا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەخسۇس لاگېر تۇتقۇنلىرىنى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ كېسەل كارىۋىتىغا كىشەنلەپ قويۇلغان 67 ياشلىق ئانىسى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا «بالام، مېنى قۇتقۇزۇۋال» دەپ نىدا قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ شاھىت گۈلپىيە قازىبېك بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ 3-قىسمى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.