يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارا سەھنىلەردە ئىسمى كۆپ تىلغا تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ھېچقانداق ئۇچۇرى ئېلىنماي كەلگەن غايىب ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئۈرۈمچى نۇرباغ نېفىت دوختۇرخانىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان دوختۇرى، ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباستۇر. ئايلاردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ گۈلشەن ئابباس ئىسىملىك بىر دوختۇرى بولغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن مەزكۇر دوختۇرخانا خادىملىرى بۇ قېتىم مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىككى قىزى ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرى ۋە ھەتتا ساقچى ئورگانلىرىدىن ئاپىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا توختىماي خەت يازغان، تېلېفون قىلغان. ئەمما ئانىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، تېلېفونىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىنمايدىغانلىقى، تۇتقۇندا ياكى ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت تولىمۇ ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب تاپالمىغان.
گۈلشەن ئابباسنىڭ خىزمەت ئورنىغا قارىتا ئايلاردىن بېرى ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزمۇ ئىزچىل جاۋابسىز قالدۇرۇلدى. خادىملار بەزىدە گۈلشەن ئابباسنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىدە بۇ ئورۇندا بۇنداق بىر خىزمەتچىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىپ كەلدى.
گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىككى قىزى ۋە ئۈچ قېرىندىشى 3 يىلدىن بۇيانقى ئومۇمىي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ گۈلشەن خانىم ھەققىدە ئېغىز ئاچالماسلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە جەزملەشتۈرگەن. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن، گۈلشەن ئابباسنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئاتالمىش «جىنايىتى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدەنگەن. پائالىيەتچى روشەن ئابباس بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان. ئاچىسىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەرگە ئېھتىياجى يوقلۇقى، ئۇنىڭ بىر تەجرىبىلىك دوختۇر ئىكەنلىكىنى سورۇنلاردا كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. بۇ مەسخىرىلىك شىكايەتلەرمۇ خىتاي دائىرىلىرىنى زۇۋانغا كەلتۈرەلمىگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرىمۇ غايىبلار مەسىلىسىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
خىتاي لاگېرلارنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىغاندا گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزلىرى ۋە قېرىنداشلىرى «بىزمۇ ئۇيغۇر»، «قېرىنداشلىرىمىزدىن تېخىچە خەۋەر يوق» دېگەن ناملاردىكى ھەشتەگ پائالىيەتلىرىگە قېتىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتكە جاۋابەن بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېكراندا كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئەمەسلىكى ھەققىدە ھېكايىلەرنى توقۇپ چىققان، ئەمما گۈلشەن ئابباس ھەققىدە يەنىلا ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
بىز شۇ كۈنلەردە گۈلشەن ئابباس ئىشلىگەن دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتە قىلدۇق. دوختۇرخانا خادىملىرى بۇ قېتىم بۇ توغرىدا دوختۇرخانىنىڭ پېسىيونېرلار بۆلۈمىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاۋاپسىزلىق ۋە ئىز-دېرېكسىزلىك گۈلشەن ئابباسنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. قىزى زىبا مۇراتنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، گۈلشەن ئابباس ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن چېكىنگەن بىر پېنسىيونېر، ئىككى پەرزەنتىنىڭ ئوقۇش ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان بىر ئائىلە ئايالى، ئۇنىڭ 21 ئايغىچە سولىۋېلىنىپ تەكشۈرۈلگۈدەك بىر ئىش-ئىزى مەۋجۇت ئەمەس. بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان پائالىيەتچى روشەن ئابباس پائالىيەتلىرى داۋامىدا خىتاينىڭ ھەدىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش يولى بىلەن ئۆزىنى پائالىيەتتىن توسماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ھەدىسىنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئۆزىنىڭ 2018-يىلى ھۇدسۇن ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈر بەرگەنلىكىنى بۇنىڭغا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى باندىتلىققا ئوخشىتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدۇ.
تېلېفونىمىزنى بۇ قېتىم قوبۇل قىلغان دوختۇرخانا پېنسىيونېرلار ئىشخانىسىنىڭ خادىمى گۈلشەن ئابباسنىڭ ئەڭ يېقىندا مائاشىنى قاچان ئالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كادىرلار بۆلۈمىنىڭ خادىمى گۈلشەن ئابباسنى قايسى ساقچى ئورگىنى تۇتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە دوختۇرخانا ئىچىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گۈلشەن ئابباس دېلوسىغا ئالاقىدار بىر قىسىم ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، غايىب گۈلشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ 2 ياشلىق ئىككىنچى نەۋرىسىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان ۋە بىر يېرىم ياشتىن ئاشقان ئۈچىنچى نەۋرىسىنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن تېخى خەۋەرسىز ئىكەن. بۇ تۈر گۆرۈگە ئېلىۋېلىشنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېغىر ئازابلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان روشەن ئابباس بۇنىڭ يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىدە قوللىرىدىكى كۈچلۈك بىر قورالغا ئايلانغانلىقى، خىتاينىڭ پەردازلاپ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ تۈر توسالغۇلار نەتىجىسىدە تېخىمۇ چېنىقىدىغانلىقى ۋە بۇ تۈر دۆلەت تېررورلۇقى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00