«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئابدۇسەمەت تۇرسۇن قاتارلىق زور بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ كەنت ئۇيۇشتۇرغان ھەرىكەتلەرگە قېتىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، توققۇزاقنىڭ لەنگەر يېزىسىدا ھاشارنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ھاشارغا بارمىغانلارنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردا جازالىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ پەقەت كەنت ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇھەقتىكى قەيتلەردە مەزكۇر پائالىيەتلەر قاتارىدا بايراق چىقىرىش تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا پائالىيەتلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى شەرھىيلەنمىگەن. بىز بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، توققۇزاقنىڭ لەنگەر يېزىسىدا ھاشارنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
تۈركىيە ياشاۋاتقان توققۇزاقلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «توققۇزاقتا ھاشار ھېچقاچان توختىغان ئەمەس». مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتىكى پەرق شۇكى، ئىلگىرىكى يىللاردا ھاشاردا ياش ئەرلەر ئاساسىي قىسىمنى تەشكىل قىلغان بولسا، يېقىنقى بەش يىلدا ئەر ئەمگەك كۈچلىرى ئاساسەن دېگۈدەك لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولغاچقا، ئەمدىلىكتە ئاياللار ۋە ياشانغانلار ھاشار ئەمگىكىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئىگىلىگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار كەنت خادىمى، نۆۋەتتە توققۇزاقتا 18 ياشتىن 90 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھاشارغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ پەقەت ياش جەھەتتە 90 دىن ئاشقانلار ۋە ئاي-كۈنى يېقىنلاشقان ئېغىرئاياق ئاياللارنىڭلا ھاشارغا ئېلىپ چىقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر كەنت خادىمى، ھاشارغا چىقمىغانلارنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يوقۇرىدىن چۈشكەن ئالاقىدار ھۆججەتلەردە، ھاشارغا چىقمىغانلارنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇ خادىم مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھاشارغا بىر كۈن چىقمىغانلارغا 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلغاندىن باشقا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى، ئەگەر 3 كۈن ھاشارغا قاتناشماي قالسا، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يوللىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئۆز تەۋەلىكىدە مۇشۇ خىل جازاغا ئۇچرىغان ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئىسىملىك بىرسىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا داۋامىدا، ئاقسۇدا بىر مەزگىل «دولقۇن ھاشار» نامىدىكى بىر ھاشارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ھاشارنىڭ پەقەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەمەس، مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، يەنى دائىرىلەرنىڭ كىشىلەرنى كونترول قىلىش ۋە ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاشارغا سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.