ئوسلودا «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تونۇشتۇرۇلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىى تۈركەل ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ۋە كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن مۇكەررەم قۇربان قاتارلىقلار 22-مايدىن باشلاپ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا جەم بولۇپ، بىر قاتار سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئوسلودىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 23-ماي ئوسلودىكى ۋىكا كىنوخانىسىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى زۇلۇملار تەسۋىرلەنگەن «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن. فىلىمدىن كېيىن، ئۇلار ئوسلودا بىرقاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2022-يىلى 22-ماي، ئوسلو، نورۋېگىيە.
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2022-يىلى 22-ماي، ئوسلو، نورۋېگىيە. (RFA/Ekrem)

نورۋېگىيەدە ياشايدىغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-مايدىن باشلاپ نورۋېگىيەدە «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى باشلانغان. 3 كۈن داۋاملىشىدىغان خەلقئارالىق بۇ يىغىن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە سەھىپە ئاجرىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 23-24-ماي كۈنلىرى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بۇ يىغىندا نۇتۇقلار سۆزلەپ زور تەسىر قوزغىغان.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ بايان قىلىشىچە، 23-ماي نۇرى تۈركەل ۋە روشەن ئابباسلار «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. 24-ماي خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويغان. كانادادىن كېلىپ بۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان مۇكەررەم قۇربان خانىم ئوسلودا داۋاملاشقان 4 كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.