ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تۇرپان بويلۇقتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش پىلانىنى ئەيىبلىدى

خىتاي دائىرىلىرى تۇرپان ۋىلايىتى بويلۇق يېزىسىدىكى نوپۇسنىڭ 3 تەن 2 قىسمى كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە كۆچۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر كۆچۈرۈش پىلانىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، بۇيلۇقتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بويلۇق مەنزىرە رايونى تۇرپاندىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، خىتاي بويىچە 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى دەپ بەلگىلەنگەن.

مارالبېشىدا بىر ئۇيغۇر ياش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» شەكلىدە تۇتقۇن قىلىندى

مارالبېشى ناھىيىسى سېرىق بۇيا بازىرىدىكى دېھقان ياش-مەخمۇت ئابلىمىت ئۆيىدە كومپيۇتېر ساقلىغانلىقى ۋە چەتئەلدىكى بىر دوستى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ئۈچۈن، «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇنى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى دەلىللىدى.

مەخمۇت ئابلىمىتنى ياخشى بىلىدىغان بېيجىڭدىكى دوستلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەخمۇت ئابلىمىت تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرغان ۋە بۇ جەرياندا چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر دوستى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، چەتئەلدە ئىشلەش ياكى تىجارەت قىلىش يوللىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.

دوستلىرىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، مانا بۇ مەخمۇت ئابلىمىتنىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارغا باغلىنىپ ئەيىبلىنىشىدىكى بىردىن -بىر پاكىت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياقا يۇرتلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەرگە باج جەھەتتە ئېتىبار بەرمەكچى

خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياقا يۇرتلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان خىتاي شىركەتلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

خىتايدىن چىقىدىغان «خەلق» گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، قارار 2010-يىلدىن، 2020-يىلىغىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى «نامرات رايونلارغا» مەبلەغ سالغان شىركەتلەرگە قارىتىلغان ئىكەن.

كانادادىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇنداق دېدى: بۇ قارار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىگىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

خۇنەننىڭ جۇجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئاھالىلىرى ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى دەسلەپتە كوچىدا يايمىچىلىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى بىلەن بىر خىتاي ئۇرۇشۇپ قالغان. ئارقىدىن ئون نەچچە ئۇيغۇر تىجارەتچى قوللىرىغا پىچاق ئېلىپ، شەھەر مەركىزىدىن ئۆتىدىغان بىر يولنى توسۇۋالغان.

بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭلىغان خىتاي ئاھالىسى ئەتراپقا ئولاشقان ۋە قاتناش توسۇلۇپ قالغان. خىتاي ساقچىلىرى ئەتراپنى قورشاپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان، ئەمما شۇ مەزگىلدە ئادەم تۇتمىغان.

خەۋەردە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسىدە دوكلات بەردى

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئالەم تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا «يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتىلارنى كۆزىتىدىغان ئالەم تېلېسكوپى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا تۈركىيە ئالەم تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئاسپىرانتلار قاتناشتى. دوكتور ئەركىن سىدىق يەنە كەچ سائەت 7دە «تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى» نىڭ زالىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا «تاشقى پلانېتا ھاياتلىق بارمۇ؟» ۋە «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر: بىڭتۇەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەن 1954-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، نۆۋەتتە ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىنلاشقان چوڭ گەۋدىگە ئايلانغان.

ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خەرىي ۋۇ ۋە ئىلگىرى بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر «بىڭتۇەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىڭتۇەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا يېقىن جايلاردا شەھەر بەرپا قىلىشقا باشلىغان.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلدى

28-ئىيۇن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېرلىن شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۈشەنبە كۈنى 3 كۈنلۈك ئەنگلىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ۋە د ئۇ ق قاتارلىق 4 چوڭ تەشكىلات 24-ئىيۇن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىمغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قارشىلىق نامايىشلىرى بىلەن خاتىرىلىمەكچى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى ھەرخىل شەكىلدىكى قارشىلىق نامايىشلىرى بىلەن خاتىرىلىمەكچى.

بۇ خىلدىكى نامايىشلار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، گېرمانىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلمەكچى.

رادىئومىز تور تېلېۋىزىيىسىمۇ ۋاشىنگتوندىكى نامايىشىنى نەق مەيدانىدىن خەۋەر قىلماقچى. تېلېۋىزىيە خەۋىرى رادىئويىمىزنىڭ تورىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلماقچى. 5-ئىيۇلدىكى نامايىشتا قايتا كۆرۈشكەيمىز.