ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18 - دېكابىردىن 24 - دېكابىرغىچە)

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆتكەن يىلى كامبودژادىن تۇتۇپ كەتكەن 20 ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون باياناتىدا: "خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىدە تۇرماقتا. خىتاينىڭ بۇ پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھەققىدە بىر يىلىدىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكى ئادەمنى ئەنسىرىتىدۇ" دېدى.

2009 -يىلى 19-دېكابىر كامبودژا ھۆكۈمىتى، ئۆز دۆلىتىدە پاناھلانغان 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىئومىزغا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەتجان 2009- يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 4 ‏-ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخپىي سوت ئېچىلىپ، مۇھەممەتجان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى دائىرىلەر تېخى دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، مۇھەممەتجان ئابدۇللا ھەققىدە ئىگىلەنگەن مەلۇماتلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۇنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرماقتا.

12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بوھۇم شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتنى سەنئەتكار ۋە كەسپىي رېژىسسور ھوللېندېر خانىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە "قەشقەردىكى ناشتا" دەپ نام بېرىلگەن.

پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئۆيى ياسالغان بولۇپ، ئۆي ئىچىگە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆيىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۆي جابدۇقلىرى قويۇلغان. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى سېتىلغان.

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان-خەتمە ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىدە مەرھۇمنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

مۇراسىمغا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئائىلىسى، دوستلىرى ھەمدە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى قاتناشتى.

ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە چاقىرىلغان "ب د ت نىڭ 2010 ‏-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى" ناملىق يىغىندا ئۆز رايونىنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقان، ھەتتا ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق ئون نەچچە مىللەتنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى كەسي پولىئاس خانىم يىغىندا: "تەبىئىي بايلىقلار قۇچىقىدىكى نامرات خەلق" دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايلىقلىرى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىندىكى خىتاي ۋەكىللىرى، پولىئاس خانىمنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنى توسۇپ قالالمىغان.

"5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يېقىندا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان "21-ئەسىرنىڭ 10 يىلىدىكى مەشھۇر 30 خەۋەر" ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.

كىتابتا ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن 30 مەشھۇر خەۋەر باھالاپ چىقىلغان بولۇپ، كىتاب ياپونىيە تەتقىقات نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە نەشر قىلىنغان.

2008- يىلىدىكى "14 -مارت تىبەت ۋەقەسى" ۋە 2009- يىلىدىكى " 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن 30 مەشھۇر خەۋەرنىڭ سەككىزىنچىسى بولۇپ باھالانغان.

يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش باشلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىلدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەڭ باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب- شىمالىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان بارلىق قاتناش بېكەتلىرىدە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن. تەكشۈرۈشتە ھەتتا كىملىكىنى ئېلىپ يۈرمىگەن ئۇيغۇرلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.