ھەرەم كۈنلۈكلەر بىلەن يېپىلىش ئالدىدا
2013.05.01
مەسچىت ھەرەمنىڭ كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى تاۋاپ مەيدانىنىڭ ئۈستىنى كۈنلۈكلەر بىلەن يېپىش پىلانى جىددىي مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
پادىشاھ ئابدۇللانىڭ مەسچىت ھەرەمنى كېڭەيتىش پىلانى بويىچە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى، مەسچىت ھەرەمنىڭ يېڭى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەش داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
مەسچىت ھەرەمنىڭ يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان قىسمى پۈتۈپ چىقسا، ئۇنىڭدا بىر يېرىم مىليون ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىغان بولىدىكەن. بۇ پىلان 6 يىللىق بولۇپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرى كېچە - كۈندۈز تۇرماستىن داۋام قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن ھەرەمنىڭ ئۈستىنى خۇددى مەدىنە مۇۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ مەيدانى كۈنلۈكلەر بىلەن يېپىىلغاندەك يېپىش پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتماقتا ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز»گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى 28 - ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا، «ھەرەمنى تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ راھىتى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر»دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە يېزىلىشىچە، ھازىر ھەرەمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەبەنىڭ ئەتراپىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىمۇ ناھايىتى تېزلىكتە داۋاملىشىۋاتىدىكەن. بۇ ئىشنىڭ بىر قىسمى بۇ يىل رامىزان ئېيىغىچە پۈتۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلىدىكەن. مانا مۇشۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىچىدە تاۋاپ مەيدانىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلىپ يېپىلىدىغان كۈنلۈكەر بىلە يېپىش ئىشى جىددىي مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدىكەن. ھەرەمنىڭ ئۈستى يېپىلغاندا، كۈندۈزدىكى ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتلىرىدا كۈنلۈك ئېچىلىپ،كەچ بولغاندا يېپىلىدىغان بولىدىكەن.
يەنە مەزكۇر گېزىتتە خەۋەر قىلىشىچە، مەككە مۇكەررەمەدىكى مەسجىدى ھەرەم ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ مەسئۇلى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇقەددەس جايلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ناسىر خۇزەيم بىلەن ئىجرائىيە ئىشلىرى مۇدىرى ئەھمەد مۇھەممەد مەنسۇرى كەبىنىڭ ئەتراپىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىنىڭ بارلىق پىلان ۋە باسقۇچلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن:«كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ يىل رامىزانغىچە كەبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يىقىلغان قىسىمنىڭ بىرىنچى قەۋىتى پۈتىدۇ. رامىزاندا ئۆمرىگە كەلگەن مۇسۇلمانلار يېڭى پۈتكەن يەردە راھەت بىر شەكىلدە ئىبادەت ۋە تاۋاپلىرىنى قىلالايدۇ.»
يەنە مەزكۇر گېزىتتە خەۋەر قىلىشىچە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ مەيدانىدىكى كۈنلۈكلەرنى ياسىغان گېرمانىيە شىركىتىنىڭ باشلىقى مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، مەسچىت ھەرەمنىڭ ئۈستى ۋە كەبەنىڭ ئەتراپىدىكى تاۋاپ مەيدانىنىڭ ئۈستىگە كۈنلۈك ياساش ئىشىنى يەنە شۇ ئادەم ئۈستىگە ئالىدىكەن. كۈندۈز ھاۋا ئىسىسىغاندا كۈنلۈك ئېچىلىپ سايە تاشلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈزى ھەرەمدە كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار راھەتلىنىدىكەن. بۇ كۈنلۈكلەر يېڭى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ياسىلىدىكەن.
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل مەدىنە»گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى29 - ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا، يەنە بۇ ماۋزۇ ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئۇزۇن يىللاردىن ھەج ۋە ئۆمرىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولغان ئالىملار ھەرەمنىڭ ئۈستىنى يېپىش ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەرنى بەرگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇللار بۇ پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، ئاخىرى ھەرەمنىڭ ئۈستىنى خۇددى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ مەيدانىدىكى كۈنلۈكلەرگە ئوخشاش كۈنلۈكلەر بىلەن يېپىش قارارىغا كېلىپ، ئۇنى قايسى شەكىلدە ۋە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ھەر يىلى ھاجىلاردىن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئالىدۇ ۋە ھەممىنى خاتىرىلىۋېلىپ، بۇ تەكلىپ، پىكىرلەر ھەققىدە ئىزچىل ئىزدىنىدۇ ۋە ھاجىلارغا ھەر يىلى يېڭىچە خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىش مەقسىتىدە كۆپ تىرىشىدۇ. ھەرەمنىڭ ئۈستىنى كۈنلۈكلەر بىلەن يېپىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ ئەڭ تىز پۇرسەتتە پۈتۈپ چىقىپ ھەرەمنى تاۋاپ قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەتكە سۇنۇلىشى كۈتۈلمەكتە. يەنە كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى تاۋاپ مەيدانى ئارقا تەرەپكە 51 مېتىر كېڭەيتىلىدۇ. مەسچىت ھەرەمنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ زېمىنى تاۋاپ مەيدانى بىلەن تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار پەقەت تاۋاپ مەيدانىدىلا ئەمەس بەلكى ھەرەمنىڭ ھەممىلا يېرىدە تاۋاپ قىلالايدۇ. بۇ يىلدىن يىلغا ھەرەمگە كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ھەج مەزگىللىرىدە ۋە رامىزان ئېيىدا ھەرەمدىكى قىستىلىشنى ئازراق بولسىمۇ ئازايتىش ۋە ھاجىلارغا راھەت بېغىشلاش ئۈچۈن پىلانلىنىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھاجىلارنىڭ جاپا تارتماستىن ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى قىلىۋېلىشى ئاساسلىق نىشاندۇر. شۇڭا ھەرەمنى كېڭەيتىش ۋە ھاجىلارغا راھەتلىك قىلىش ئىشلىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتىكى ھەرەمنىڭ تاۋاپ مەيدانىنىڭ ئۈستىنى يېپىش ئىشىنىڭ تاۋاپ قىلىش جەريانىدا ھازىرغىچە كۈننىڭ قاتتىق ئىسسىقىدا قىينىلىپ كېلىۋاتقان ھاجىلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر راھەت بېغىشلايدىغانلىقىدا شەك يوق.»