ئاقسۇدا ئىككى نەپەر ياش ھىجرەت پىلانىدىن ۋاز كەچكەن تۇرۇقلۇق 9 يىللىقتىن كېسىلگەن
2025.03.05

خىتاي ۋە تايلاند دائىرىلىرى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازالانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىر قىسىم تەشۋىقات فىلىملىرىنى تارقاتماقتا. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا بىر تەرەپ قىلىنغان ھىجرەتكە ئالاقىدار بەزى دېلولاردىن تايلاندتىن قايتۇرۇلغانلارنىڭ جازاسىز قېلىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكى كۆرۈلمەكتە. ئاشكارىلىنىشىچە، 2014-يىلى ھىجرەت پىلانى بىلەن يۈننەنگە قەدەر بارغان ۋە سەپەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بايقاپ، ھىجرەت يولىدىن ۋاز كەچكەن، ئاقسۇ شەھەرلىك ئىككى ياش، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ 8 ئايدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھىجرەتنى خىيال قىلغانلىقى ئۈچۈنلا 9 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، تايلاند دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى جازالىمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ھەر ئىككى تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزلىرىگە قارشى ئۇلغىيىۋاتقان خەلقئارا جامائەت پىكرىنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 10 يىلدا بىر تەرەپ قىلىنغان ھىجرەتكە ئالاقىدار دېلولاردا ھىجرەتتىن قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەنلىرىلا ئەمەس، ھەتتا ھىجرەتنى خىيال قىلغانلارنىڭمۇ جازاسىز قالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
كامبودژادىن قايتۇرۇلغان مەمەتئەلى روزىنىڭ 37 يېشىدا يەكەن تۈرمىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى
تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلار
ئۇيغۇر ئىلىغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما، ئىلگىرىكى ھىجرەت دېلولىرى ھەققىدە بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن 2015-يىلى 8 كىشى ھىجرەت سەپىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلار مەمەت ساتىراش، تۇردى ئابلا، ئىسمائىل مامۇت، ئابلىكىم تۇردى، ئەخەت ئاۋۇت، تۇرسۇن مامۇت قاتارلىقلاردۇر.
ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بىر كەنت ساقچىسىنىڭ پاش قىلىشىچە، يۇقىرىقىلاردىن 6 نەپىرى چېگرادىن ئۆتۈش داۋامىدا تۇتۇلۇپ، قايتۇرۇپ ئەپ كېلىنگەنلەر بولسا، بۇلاردىن مەمەت ساتىراش ۋە دوستى تۇردى ئابلا، يۈننەنگە بارغاندىن كېيىن سەپەر پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەھەللىسىدە مەمەت ساتىراش دەپ بىلىنگەن مەمەت ئاۋۇت، 2014-يىلى 17 ياش مەزگىلىدە ھاياتىغا يېڭى بىر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ھىجرەت سەپىرىنىڭ پىلانىنى تۈزگەن ۋە شۇ يىلى 10-ئايدا دوستى تۇردى ئابلا بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە يېتىپ بارغان. ئۇلار چېگرادىن چىقىش يولىنىڭ خەتەرلىكلىكى ۋە چېگرادىن چىققاندىن كېيىنمۇ يېڭى خەتەرلەرنىڭ ئۇزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ھىجرەت سەپىرىدىن ۋاز كەچكەن ۋە يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلغان. ئەمما ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندە يەنى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ھىجرەت پىلانى يەنى ھىجرەتنى خىيال قىلغانلىقى ئۈچۈنلا شۇ يىلنىڭ ئاخىرى 9 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەمەت ساتىراش ۋە تۇردى ئابلانىڭ جازا مۇددىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تۈگىگەن بولسىمۇ، تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن ۋە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇلانباي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن.
مانا بۇ ئىككى ياشنىڭ قىسمىتى نۆۋەتتە تايلاندتىن قايتۇرۇلغانلار دۇچ كېلىدىغان مۇئامىلىنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىۋاتقاندەك ئىللىق بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ نۇقتا، خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدىنمۇ مەلۇم بولماقتا. مەزكۇر باياناتتا، تايلاندتىن قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە، بىر مەزگىل «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئالدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.