باش شىتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ 8-دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە باشلانغان پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى بۇ قېتىم ھىندونېزىيەدىكى بەش شەھەردە 10 مەيدان ئاڭلىتىلىدىغان بولۇپ، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 11-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھىندونېزىيەدىكى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاممىۋى جامائەتكە، زىيالىيلارغا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلىتىش پائالىيىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردۇق.»

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتىگە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «13-دېكابىر كۈنى جاكارتادىكى ئەلئەزھەر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردۇق. 12-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنە جاكارتادىكى پارامەدىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بەردۇق. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يەنە ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى بايان قىلىنغان كىتابىمنىڭ ھىندونېزىيە تىلىدىكى تەرجىمىسىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش تەپتىشى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس يازغان «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنى سۈمۈرۈشى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق كىتاب 2021-يىلى تۈركچە ھەم ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا ھىندونېزىيە تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئاپتور ئەسەردە «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھازىر قىزىل قىيامەتنىڭ نەق ئۆزى بولۇۋاتىدۇ» ۋە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىنىڭ تارىخىي جەريانلىرى ۋە بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى» دېگەندەك تېمىلارنى نۇقتىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
مەزكۇر كىتاب توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئاتلان ئانتورى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. بۇ كىتاب پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئۈممىتى بولغان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كىتاب ھىندونېزىيەلىكلەرگە شەرقىي تۈركىستاننى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن. »
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز بەرگەن دوكلاتلار ئاڭلىغۇچىلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. ئۇلار قىزىقىپ كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى. ئەڭ كۆپ سورالغان سوئاللار ‹بىز ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ بۇنچىۋالا ئېغىر زۇلۇم بولغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ بۇلاردىن خەۋىرىمىز بولمىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ؟› قاتارلىقلار بولدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار ‹ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ ئىنسانىي ۋە دىنىي بۇرچىمىز. بۇندىن كېيىن ئۆزىمىز بۇ خىل يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىمىز› دېيىشتى. »
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ قېتىمقى ھىندونېزىيە زىيارىتىنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بەزىلىرىدە خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار ئىكەن. بىز شۇ يەرلەرگە كىرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ ئاچقانلىقىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇق. »
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيەدىكى پائالىيىتىنىڭ 20-دېكابىر كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھىندونېزىيەدىكى پائالىيىتىمىز 20-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. بىز دوكلاتلىرىمىزدا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ھىندونېزىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كۈتكەن تەلەپلىرىمىزنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇق. شۇنداقلا ھىندونېزىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدۇق. »

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 15-دېكابىردا ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدە ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان «پەرسىس» تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا بىرقانچە قېتىم بېرىپ كەلگەن ھىندونېزىيەلىك ئاززام مۇجىھىت ئەپەندى گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ سۆزىدە «مەن ئۇيغۇرلارغا ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دېسەم ئۇلار ‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام› دەپ جاۋاب بېرەلمىدى. چۈنكى بۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن» دەپ كۆرگەنلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئابدۇلھاكىم ئىدرىس دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئوخشاش پائالىيەت 18-دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدىكى نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ مۇسلىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى 8-دېكابىر كۈنى جاكارتادىكى ئىسلامىي مەكتەپتە، 9-دېكابىر كۈنى مۇھاممەدىيە جامائىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا ۋە 10-دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ ماكاسسار شەھىرىدىكى مۇھاممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ يىغىنلاردىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى.
