«بازفىد» تورى: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا 1 مىليون ئادەمنى سولاپ قويالايدۇ»

0:00 / 0:00

21-ئىيۇل كۈنى «بازفىد» (Buzzfeed) تورى «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا 1 مىليون ئادەمنى سولاپ قويالايدۇ» سەرلەۋھىلىك يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات «بازفىد» تورىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈشىنىڭ 5- بۆلۈمى ھېسابلىنىدۇ.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان لاگېر، تۈرمە ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمى 2016-يىلى رەسمىي بايقالغاندىن بۇيان ئىزچىل كېڭەيتىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىرلا ۋاقىتتا 1 مىليون كىشىنى سولاپ قويالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەن.

بۇ مەلۇماتلار ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر 25 كىشى ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا 1 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىش ياكى قاماپ قويۇشقا يېتەرلىك بوشلۇق بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ سان، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكانىڭ تۈرمە سىغىمچانلىقىدىن يەتتە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە نيۇ-يوركتىكى باش كونسۇلخانىسىغا ئەۋەتىلگەن سوئاللارغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.
خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇ دوكلات خىتاينىڭ باستۇرۇش كۆلىمىنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كەڭرى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ خەلقئارادىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرى بەك ئۈنۈملۈك بولمىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، ئامېرىكا تېخىمۇ كۈچلۈكرەك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشنى، تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكا چوقۇم ئۆز پۇقرالىرىنى قوغدىشى كېرەك. بۇ قوغداش خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان يەر بىلەن ئالاقىسى بولغان بارلىق ئىقتىسادى ئالاقىنى ئۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ ۋە باشقا ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. ئاندىن ئۇ ئورۇنلارنى ناھايىتى تېزلا تۈرمە ۋە لاگېرلار سىستېمىسىغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، لاگېرلار ئامېرىكانىڭ ئالياسكا شتاتى چوڭلۇقىدىكى بۇ رايوننىڭ ھەممە بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى قاپلىغان.

تەھلىلدە بايقىلىشىچە، قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ بولغان رايونلاردا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «مىليون» مۇسۇلماننى تۇتۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ۋە 2018-يىلدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە يېڭى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقانلىقىى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى لاگېر ۋە تۈرمە قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلىرىغا قارىغاندا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر رايوننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا لاگېرلار پۈتكۈل رايوننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيگەن.

گوردون چاڭ ئەپەندى بېيجىڭ تەرەپنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختاتمىغۇچە خەلقئارانىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردا خىتايغا بىسىم قىلىشنى توختاتماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:«ئامېرىكا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى <ئىرقى قىرغىنچىلىق> ۋە <ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت> بىلەن بۇلغانمىغان باشقا شەھەرلەرگە يۆتكىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بارلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىشى كېرەك. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1963-يىلى جەنۇبى ئافرىقىغا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ لاگېرلارنى دەرھال تاقىتىشىمىز كېرەك. خىتاي تەرەپ بۇ تەلەپنى ئورۇندىمىغۇچە خىتاي بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك».

لاگېرلار ھەققىدىكى بۇ يۈرۈشلۈك دوكلاتنى مېگا راجاكوپالان ۋە ئەلىسون كېللىڭ قاتارلىق ژۇرنالىستلار بىرلىكتە يازغان بولۇپ، مېگا راجاگوپالان ئامېرىكادىكى «بازفىد» تورىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى. ئۇ ئىلگىرى «بازفىد» تورىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، خىتايدا تۇرغان 6 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى ۋە ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە، خەۋەرلەرنى يازغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغانىدى.