19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 6 ئايچە ئىلگىرى يېڭىسارلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى يېڭىسارنىڭ سېتىل يېزىسىدا 19 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ يېشى سەۋەپلىك لاگېرغا ئەكىتىلمەكچى بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۇ يىل 9‏-ئايغا كەلگەندە كانادالىق يوتۇبچى گۈلي مەخسۇس يېڭىسار سېتىللىق 19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىم ئىسىملىك بىر ياشنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، 19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېڭىسارلىق مۇھاجىرنىڭ ئەينى چاغدا ئىنكاس قىلىشىچە، يېڭىسارنىڭ سېتىل يېزسىدا ئولتۇرۇشلۇق 19 ياشلىق بىر يىگىت، 2000‏-يىلى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ خەتەرلىك ئەۋلاد كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، لاگېرغا ئەكىتىلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. يىگىت ساقچىخانىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

ئىبراھىم قاسىمنىڭ كىملىكى.

بىز شۇ چاغدا يېڭىسار ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغىنىمىزدا، ئالاقىدار خادىملار يېڭىساردا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. بۇ يىل9 ‏-ئايغان كەلگەندە كانادالىق يوتۇبچى گۈلي مەخسۇت ئۆزىنىڭ مەخسۇس پروگراممسىدا يېڭىسارنىڭ سېتىل يېزىسىدىكى 19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ بۇ يىل5 ‏-ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن يېڭىساردا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ياش ھەققىدە قايتىدىن ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. گۈلي مەخسۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىبراھىم قاسىم ئىنتېرنېتتا تامدىن ئاتلاش ئارقىلىق گۈلىي مەخسۇت بىلەن ئالاقىلاشقان. ئۇ گۈلي مەخسۇتقا ئۆزى خىتاي ئۆلكىلىرىدە دۇچ كەلگەن مىللىي كەمسىتىشلەر ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بۇ جەرياندا كومپيوتېر مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ گۈلىي مەخسۇت بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈپ ماڭغان. ئۇ2019 ‏-يىلى 12‏-ئايغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ يېڭىساردىكى ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقى ۋە لاگېرغا سولىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گۈلىي مەخسۇتتىن ئۆزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. گۈلي مەخسۇت ئۇنىڭغا ئۈندىداردىكى باش سۈرىتىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئىشارەت بېرىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىشلار دەسلەپكى 6 ئايدا دېيىشكەندەك داۋام قىلغان. پەقەت5 ‏-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئىبراھىم قاسىمنىڭ ئۈندىدارىدىكى باش سۈرەتتە ئۆزگىرىش بولمىغان؛ بۇنىڭدىن ئەندىشىگە چۈشكەن گۈلىي مەخسۇت بىر قاتار ئېنىقلاشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىبراھىم قاسىم ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر ئالامىغان. ئاخىرى ئىبراھىم قاسىم قالدۇرۇپ قويغان بىر تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭىسار سېتىل يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، بۇ يىل5 ‏-ئايدا بۇ يېزىدا 19 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ گەرچە ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە ئۆلۈۋېلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېسلىىپ ئۈلۈۋالغانلىقىنى دەلىللىدى.

سېتىل يېزىلىق ئەدلىيە خادىمى بۇ يېزىدا بۇ يىل5 ‏-ئايدا ئۆلۈۋالغان ياشنىڭ ئىسمىنىڭ ئىبراھىم، فامىلىسىنىڭ قاسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. گۈلي مەخسۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىبراھىم قاسىم سېتىل يېزىسىدا ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياشلارنىڭ ساقچىخانىغا چاقىرتىلغاندىن كېيىن ساقچىخانىغا بارغىنىدا بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپلا لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكى ۋە لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ قايتىپ چىقمايۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. بىز رادىيومىزغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇردىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ساقچىخانىغا چاقىرتىلىشىدا يېشىنىڭ سەۋەپ بولغان-بولمىغانلىقى، يەنى خەتەرلىك ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمى بويىچە چاقىرتىلغانلىق ئېھتىماللىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. سېتىل يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى يېڭىساردا 16 ياش بىلەن 45 ياش ئارىسىدىكى كىشىلەرگە قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئاتالمىش تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.