خىتايدىكى دوختۇرلار ئورگان يۆتكەش سىستېمىسىدا «جاللاتلىق» رولىنى ئوينىماقتىكەن (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.06.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Yazghuchi-gutman-adem-organ.JPG ژۇرنالىست ئېتان گۇتمان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «قىرغىنچىلىق» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 12-ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون.
RFA

«ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە جەسىتىدىن پايدىلىنىش بەلگىلىمىسى» خىتايدا 1984-يىلى بەلگىلىنىپ يولغا قويۇلغانىدى. شۇندىن بۇيان خىتاي مېدىتسىنا ساھەسىدە ئورگان ئىشلىتىشتە قانۇنلۇق كەڭ مەنبەگە ئىگە بولۇنغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەرياندا خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىپ پۇلدار بىمارلارغا كۆچۈرۈشتەك قانۇنسىز ئورگان سودىسى قىلىشتەك قىلمىشلار دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.

خىتايدا تاشقى كېسەللىك دوختۇرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش جەريانىدا، جاللاتلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقى توغرۇلۇق، ئامېرىكادىكى «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ-1 ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدا، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجراچىسىغا ئايلانغانلىقىنىڭ يېڭى ئىسپاتى» ناملىق ئوبزوردا، -1980يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان، 71 قېتىملىق ئورگان ئوپېراتسىيە خاتىرىسىگە دائىر سانلىق مەلۇمات ۋە دەلىللەر ئاشكارىلاندى.

ماقالە ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتورى ماتىۋ روبېرتسون (Mathew Robertson) بىلەن ئىسرائىلىيە ئەزا كۆچۈرۈش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، پروفېسسور جاكوب لاۋى (Jacob Lavee) تەرىپىدىن تەييارلانغان.

ماقالىدا دەلىللەر ئارقىلىق كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئورگان ئوپېراتسىيەلىرى خەلقئارا ئورگان كۆچۈرۈش ساھەسىدە بىرلىككە كەلگەن پرىنسىپ ۋە داۋالاش ئەخلاقىدىكى يادرولۇق قىممەت قارشى ۋە ئوپېراتسىيە تەرتىپلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا رىئايە قىلىنمايدۇ.

شۇنداقلا خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش جەريانىدا، دوختۇرلار ئىجرا قىلىدۇ.

گەرچە بۇ ماقالىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر ئوپېراتسىيەلەردە قوللىنىلغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا، خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ھەمدە DNA ئەۋرىشكىلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋالغان، ھەتتا بۇ ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ئورگان يۆتكەش سىستېمىسىغا بىۋاسىتە ئۇلانغان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئورگان كۆچۈرۈشتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشىنىڭ ھەقىقەتەن گۇمان قوزغايدىغان مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق يورۇتۇلغان.

ماتىۋ روبېرتسون (Mathew Robertson) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەھشىيلەرچە داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان سودىسىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىدىن گۇمانى يوقلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزا سودىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا باشلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن باشلاپ كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، تېخىمۇ سىستېمىلاشقانلىقى ۋە تېخىمۇ تورلاشقانلىقى توغرىلىق لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەمدە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرىدا ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا ئىسپاتلىق بەرگەن ئېتان گۇتماننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 2016‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئامبىرىنى قۇرۇشى شۇنداقلا 2017-يىلدىن باشلاپ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى مۇتەخەسسىسلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتامدۇ؟ دېگەن گۇمانلارنى پەيدا قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئېتېن گۇتمان «ۋال سترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتايدا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجراچىسىغا ئايلانغانلىقىنىڭ يېڭى ئىسپاتى» ناملىق ئوبزور ۋە بۇ توغرىسىدىكى يېڭى دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ دوكلات ۋە ماقالىلەر خىتايدىكى ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىگە دائىر كلىنىكىلىق خاتىرە ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلانغان بىر ئاكادېمىيەلىك ئىلمىي ئەمگەكتۇر. شۇڭا خىتاينىڭ سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بېرىلمىگەن. ھەمدە بۇلارنىڭ پەقەت بىر قىسمى بىز بايقىغان تەرتىپلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭدىكى يۈرەك ۋە ئۆپكە يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىگە ئائىت مىساللار ئورگان تەمىنلىگۈچىنىڭ پەقەت يېشى ۋە بىئولوگىيەلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئەمما دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەڭ كۆرۈنەرلىك يەكۈنى شۇكى، بىز گۇمان قىلىپ كېلىۋاتقان، خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈشنىڭ، زىيانكەشلىك قۇربانلىرى تېخى تىرىك ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدەك ئەندىشىلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بۇ دوكلات تېخىمۇ ئىنچىكە جەريانلىرى بىلەن دەلىللىدى».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمما بۇ خىل ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ خىتايدا خېلى بۇرۇندىن باشلاپلا ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئورگانلىرىنى مەنبە قىلغانلىقىنى تەكرارلايمەن. ئۇيغۇر سوتىدا بەرگەن دوكلاتىمدا كۆرسەتكىنىمدەك، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان 10 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان شاھىتلاردىن ئىگىلىگەن ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 25مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرى مەجبۇرىي كۆچۈرۈلمەكتە».

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە چىقىدىغان «قۇياش خەۋەرچىسى» گېزىتى 2021-يىلى 11-ئايدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى قاراڭغۇ بازاردا سېتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان «بىر ساغلام جىگەرنىڭ قانداق قىلىپ قاراڭغۇ بازاردا 160 مىڭ دوللارغا سېتىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ سودىدىن يىلىغا ئاز دېگەندە بىر مىليارد دوللار كىرىم قىلىدىغانلىقى» تەپسىلىي يېزىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ خەلقئارا داۋالاش كەسپىنىڭ ئۆلچەم ۋە مىزانلىرى ھەمدە ئىنسانىي ئەخلاق ۋە قىممەت قارشىغا خىلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش ۋە تەنقىدلەش ئارقىلىق ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكنى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن توختىتىش تەقەززاسىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، خىتاي ئورگان سودىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئورگان مەنبەسى قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكادىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەردىن مەمتىمىن دوختۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتايدا ئىنسانلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ تىرىك ئېلىۋېلىنىشى ھەقىقەت بولسىمۇ ئەمما ئىنسانىي قىممەت قاراش ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى تۇرغۇزۇلمىغان خىتاي جەمئىيىتىدە، دوختۇرلار ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسىگە قاتنىشىشىنى جىنايەت ئەمەس، بەلكى كەسپىي جەھەتتە تاكامۇللىشىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىدۇ. ئۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خىتايدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسى، قانۇن ۋە ئىنسانلار ھاياتىنىڭ قىممىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ، قانۇنسىز ئورگان ئالماشتۇرۇشنىڭ مەيلى ئۇيغۇر ۋە ياكى باشقىلار ئۈستىدىن داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ ئىنتايىن رىقابەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمتىمىن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئورگان سودىسىدىن بارغانچە زور مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقى يالغۇز كەڭ كۆلەملىك ئورگان تەمىنلىگۈچىلەرگە ئىگە بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئورگانلارنى يۆتكەشكە موھتاج خېرىدارلارنىڭ كۆپلۈكىنىمۇ نەزەردە تۇتماي بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مەسىلىگە رېئاللىقتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئورگان سودىسىدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش خىتايغا قارىتا خەلقئارالىق بېسىمنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولسىمۇ، يەنە بېرە تەرەپتىن خىتاينىڭ ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرىنى يەنىمۇ يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆزگەرتىشگە تۈرتكە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ يەنە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەرنى خىتاينىڭ بۇ قەبىھ جىنايىتىگە شېرك بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئورگان سودىسىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا دىققەتنى مەزكەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.