ماراكەشتە قولغا ئېلىنغان ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى كارانتىن تەدبىرلىرى بوشىتىلغان

0:00 / 0:00

19-ئىيۇل كاسابلانكىدا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدرىس ھەسەن كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسى تەدبىرلىرى بويىچە كارانتىنغا ئىلىنغان بولۇپ، 5-ئاۋغۇست كۈنى كارانتىن مۇددىتى توشقانلىقى ئۈچۈن ۋابا تەدبىرلىرى بوشىتىلغان.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كارانتىن مۇددىتى توشقان ئىدرىس ھەسەن تۈركىيەدىكى ئائىلە يېقىنلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىدرىس ھەسەن يەنە ئۇيغۇر يار فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. ئۇيغۇر يار فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىدرىس ھەسەن ئەپەندىمنىڭ پسىخىك ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

ئىدرىس ھەسەن ماراكەشكە مېڭىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
ئىدرىس ھەسەن ماراكەشكە مېڭىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئىككى ئادۋوكاتى بار بولۇپ، بىرى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى ياللىغان ئادۋوكات مىلۇد كاندىل، يەنە بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەيىنلىگەن ئادۋوكات ئەل كەبىر ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەيىنلىگەن ئادۋوكات ئەل كەبىرنىڭ ئۇيغۇر يار فوندىغا يەتكۈزۈشىچە، 12-ئاۋغۇست كۈنى ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىن رەسمىي سوت ئېچىلماقچىكەن.

بۈگۈن، يەنى 5-ئاۋغۇست كەچتە ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسى مەخسۇس بۇ ھەقتە يىغىن ئاچىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كونكرېت خىزمەتلەر بېكىتىلىدىكەن.

ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى رەسمىي ھۆججەتلەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا مەسئۇل ئالاھىدە خادىمى تەرىپىدىن مەخسۇس كۆزىتىلمەكتىكەن.

بىز ئۇيغۇر يار فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. باتۇر قاراخان ئەپەندى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

بىز ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا قايتا-قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفون ئېلىنمىدى.

ئىدرىس ھەسەن خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.