ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

0:00 / 0:00

1-سېنتەبىر كۈن ئېچىلغان ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ماراكەش سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 22-سېنتەبر كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.

ئىدرىس ھەسەن بۇ يىل 19-ئىيۇل كۈنى بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ، ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىگە بارغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن كاسابىلانكا ئايرودرومىدا ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇنجى سوتى 12-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئەيىبنامىلەرنى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن سوت ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن.

«ئۇيغۇر يار فوندى» جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەرنى ماراكەش دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان بولۇپ، ئەيىبنامىلەر ماراكەش تەپتىش تارماقلىرى تەرىپىدىن كۆرۈپ چېقىلىدىكەن. ئەيىبنامە ماراكەش تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، سوت مەھكىمىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان ئەيىبنامىگە ئاساسەن ئىدرىس ھەسەننى ئاقلاش ئۈچۈن ئىستراتىگىيە بەلگىلەيدىكەن.

بىز ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا تېلېفۇن قىلغان بولساقمۇ، تېلىفۇنىمىز ئېلىنمىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىدرىس ھەسەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائال ھەركەت قىلماقتا.

«ئۇيغۇر يار فوندى» جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرى يەنە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ مەزكۇر سوتتا ئۇتۇپ چىقىشىغا ئىشەنچىسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە «ئۇيغۇر يار فوندى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ئاياقلاشقاندا، ئىدرىس ھەسەننى ئۈچىنچى بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ماراكەش مەھكىمىسىنىڭ سوتنى كېچىكتۈرۈش قارارىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى قوللىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ھەركەت قىلىپ كەلمەكتە. ئىدرىس ھەسەننىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقىدا ئىسمى بولغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالغان ئىدى. بىراق ماراكەش مەھكىمىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى سوتىنىڭ نەتىجىسى چىقماي ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.