ماراكەشتە خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن قولغا ئېلىنغان كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئىدرىس ھەسەن ئىككى ئايدىن بۇيان ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى سوت 22-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرى «ئۇيغۇر يار» فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتىنىڭ يەنە كېچىكتۈرۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىز تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا قايتا-قايتا تېلېفۇن قىلغان بولساقمۇ، تېلېفۇنىمىز ئېلىنمىدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر يار» فوندى مەسئۇللىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئادۋوكاتلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئەيىبنامىلەرنى كۆرۈپ چىقىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئەيىبنامىلەردە ئىدرىس ھەسەن ئاتالمىش «تېررولۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
«ئۇيغۇر يار» فوندى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەنگە ئارتقان جىنايەتلەر ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇنجى سوتى 12-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى سوتنى تۆت قېتىم كېچىكتۈرگەن. ئىدرىس ھەسەننىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقىدا ئىسمى بولغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلدىن قالغان ئىدى. نۆۋەتتە خەلقارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ماراكەش سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى ھەققىدە ئاخىرىقى قارارنى چىقىرىشنى داۋاملىق كېچىكتۈمەكتە.