ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.14
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان
Yettesu

بۇ يىل 7-ئايدا تۈركىيەدىن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە پاناھلىق ئىزدەپ مېڭىپ ماراكەشنىڭ كاسابلانكا خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۆت نەپەر مۇستەقىل مۇتەخەسسىسى ماراكەش ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

ئىدرىس ھەسەن 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كاسابلانكادا تۇتۇپ قېلىنغان 3 ئايدەك ۋاقىتتىن بېرى، ئۇنىڭ سوتى 4 قېتىم كېچىكتۈرۈلۈپ، كېيىنكى قېتىملىق سوتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) ئۇنىڭغا چىقارغان قىزىل تاشلىق بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ماراكەش ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بەرمىگەن ئىدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خېتى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى يېزىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى كۈن ئاۋۋال ئاشكارىلانغان بۇ خەتكە ماراكەش ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر جاۋاپ بەرمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خېتىدە: «بىز ھەسەن ئەپەندىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش يوشۇرۇن خەۋپىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمىز. ئۇ (خىتايغا) قايتۇرۇلسا، قىيىن-قىستاق ۋە باشقا شەكىلدىكى يامان مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش خەۋپى مەۋجۇت. چۈنكى ئۇ ھەم ئېتنىك ھەم دىنىي ئاز سانلىققا تەئەللۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتالمىش ‹تېرورلۇق تەشكىلاتى› غا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىق بار،» دېيىلگەن.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خېتىدە يەنە ماراكەشنىڭ 1993-يىلى تەستىقلانغان «تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» غا ئوخشاش خەلقئارا ئەدىنامىلارغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى خاتىرلىتىلگەن. ب د ت نىڭ 1993-يىلى تەستىقلانغان مەزكۇر ئەھدىنامىسىدە دۆلەتلەرنىڭ كىشىلەرنى تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى بولغان باشقا دۆلەتكە قايتۇرۇشى ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى چەكلەنگەن. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خېتى ئىدرىس ھەسەنگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ياۋروپادىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دېرىكتورى لائۇرا خارتنىڭ 14-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، بۇ خەت ئىدرىس ھەسەننىڭ كېلەر قېتىملىق سوتى ئۈچۈن «ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەن.

لائۇرا خارت مۇنداق دىدى: «بىز ب د ت ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ دېلوغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئىدرىس ھەسەننى قوغداشتا قىلىپ كەلگەن ئىشلىرىمىزنىڭ بىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارلامەنت ئەزالىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بولدى. مانا ئەمدى بۇ دېلوغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ب د ت ئ‍الاھىدە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خېتى ئاشكارە ئېلان قىلىندى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ خەت ماراكەش ھۆكۈمىتىگە 11-ئاۋغۇست يېزىلغان. ئۇنىڭ 60 كۈنلۈك مەخپىيەتلىك ۋاقتى توشۇپ، ھازىر ئاشكارا بولدى. بۇ خەت ئىدرىس ھەسەننىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى كېلەر قېتىملىق سوتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

لائۇرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى ۋاقىتتا ماراكەش سوتى ئىدرىس ھەسەننى خىتاي-ماراكەش ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمگە ئاساسەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئالدىرىغان بولسىمۇ، بىراق ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خېتى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ دېلوغا بولغان دىققىتى، ماراكەشنى بۇ مەسىقىدە تېخىمۇ ئېھتىياتھان بولۇشقا مەجبۇر قىلغان.

لائۇرا خارت مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇ جەرياندا كۆرگەنلىرىمىز، ب د ت ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى، ماراكەش ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىشى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ دېلوغا بولغان دىققىتى بىز ئۈمىد قىلغاندەك سوت مەھكىمىسىنى تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇرلىغاندەك قىلىدۇ. دەسلەپتە سوت تېز ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلار ئېھتىياتچان بولۇشقا باشلاپ، (ئىدرىسنىڭ) كېلەر قېتىملىق سوتتا ئ‍ۆزىنى مۇداپىيە قىلىشىغا تېييارلىق قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بەردى.»

ياۋروپادىكى بۇ دېلودىن خەۋەردار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دېلونىڭ بۇ قېتىم كېچىكتۈرۈلىشىنى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان 14-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ماراكەش سوتىغا ئاخىرىقى ئەيىبنامىسىنى تاپشۇرغانلىقى، ئادۋوكاتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق دىلنۇر رېەيھاننىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەشنىڭ خىتايدا تۇتۇپ قېلىنغان بىر ئۆكتىچىسىنى ئىدرىس ھەسەن بىلەن ئالماشتۇرۇش نىيىتى بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارمۇ بار ئىكەن. بۇ ئۇچۇر مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەمىگەن بولسىمۇ، بىراق «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى» دىكى لائۇرا خارتمۇ بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

لائۇرا خارتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر ماراكەش سوتى ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىغا باشقىچە قارار بەرسە، ئۇنىڭ دېلوسىنى ماراكەش يۇقۇرى سوتىغا ئەرز قىلىش يولى يوق ئىكەن. ئۇ بۇ ئەھۋالدا ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرۈش مېخانىزىمىغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لائۇرا خارت مۇنداق دەيدۇ: «شۇ نەرسىنى بىلىپ قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ دېلونى ماراكەشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. بۇ دېگەنلىك قارار چىقارسا، ئۇنى دەرھال ئ‍ىجرا قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ قىيىن يېرى ماراكەشنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئەرز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدۇر. بۇ ئەھۋالدا بىز ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش مېخانىزىمىغا مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ب د ت مۇتەخسسىسلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسىنىڭ يالغۇز ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ماراكەشنىڭ 22-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يۇقۇرى دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا ئامېرىكا تەرەپ ماراكەشنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئۇنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە جازالاشتىن قاچقان كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

بىز 14-ئۆكتەبىر ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررىس، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى مىشېل باشىلېتنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ دېلوغا بولغان ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق ئۇلار ھازىرغا قەدەر خېتىمىزگە جاۋاپ بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.