«ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنىڭ 6-يىلىدا» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

23-سېنتەبىر كۈنى «ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنىڭ 6-يىلىدا» تېمىسىدا ئىنگلىز تىلىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تور سۆھبەت يىغىنغا «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئېلشات ھەسەن، 1989-يىلدىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ يېتەكچىسى، «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ پەخرى رەئىسى ئۆركەش دۆلەت، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە فرانسىيەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارى ھولسمەن خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھامغا تۇنجى سۆز نۆۋىتى بېرىلدى.

جەۋھەر سۆزىدە ئالدى بىلەن 2012-يىلى 2-ئايدا دادىسى ئىلھام توختى بىلەن بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئايرىلغان 8 يىلدىن بۇيان، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ دادىسى ئۈمىد قىلغىنىدەك قەيسەر ئىرادىلىك قىز بولۇپ يېتىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر سۆزىدە دادىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئادالەتسىزلەرچە تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ دادىسىغا ئوخشاش تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە «دادام مۇددەتسىز قاماققا مەجبۇرلابدى، ئەمما ئۇ تۈرمىدە بىر كۈن يېتىشقىمۇ مۇناسىپ ئەمەس ئىدى!» دېدى. ئۇ سۆزلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنى دادىسىنىڭ ئەھۋالىغا ۋە نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال سوراش باسقۇچىدا جەۋھەر يەنە سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇ بىزنىڭ «دادىڭىز ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئادالەتسىزلەرچە تۈرمىگە قامالدى. سىزنىڭچە، بۇ 6 يىلدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دادىڭىز ئىلھام توختىغا ۋە نۆۋەتتە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدەك ئېغىر ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولدىمۇ؟ سىز نېمىنى ئۈمىد قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭچە، دادام تۈرمىگە قامالغاندىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە دادامنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچلۈك بولدى. ھەتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئامېرىكادا بەزى تەدبىرلەر ۋە قارارلار ئېلىندى. ئەمما مەن يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارايمەن. مەن تېخىمۇ جىق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەيلى دادامنىڭ ئەھۋالى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتا بولسۇن، تېخىمۇ جىق ئەمەلىي تەدبىرلەر ئېلىنىشى كېرەك.»

يىغىندا سۆز نۆۋىتى ئالغان پائالىيەتچىلەر ئۆز بايانلىرىدا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ يەنىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلارچە ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بۈگۈنكىدەك بىر تارىخىي دەۋردە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چاقىرىق قىلىندى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى ۋە قەھرىمانى» دەپ تەرىپلىدى. ئۇ سۆزىدە ئىلھام توختىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىدى.

يىغىنغا تەيۋەندىن قاتناشقان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەردىن ئالاھىدە ئەھۋال سوراپ، ئۇنىڭ دادىسى تۈرمىگە قامالغان بۇ 6 يىلدا جەۋھەرنىڭ دادىسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا بولغان تەشەككۈرى، قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

ئاندىن ئۇ گەرچە ئىلھام توختى ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ھىمايە قىلىشتىن ھېچ بىر ۋاقىت ۋاز كەچمىگەنلىكى ۋە ئادالەت يولىدىن ئەسلا قايتمىغانلىقىنى مەدھىيەلىدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخىشاش ھەققانىيەتنى ياقلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۈرمىلەرگە قاماش، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماشتەك رەزىل قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە بۇ خىل رەزىللىككە قارىتا كۈرەش قىلىشنىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تور سۆھبىتىدىن كېيىن، يىغىن رىياسەتچىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مۇھىم ئورنى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ ھازىرقىدەك مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى 2014-يىلى15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

يىغىندا يەنە مارى ھۇلىسمەن خانىم، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارمۇ پىكىر بايان قىلدى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدىن ئاڭلايسىلەر.