25-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 52 ياشقا كىرگەن خاتىرە كۈنى.
ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭغا ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى داۋام ئەتمەكتە.
25-ئۆكتەبىردىكى ئىلھام توختىنىڭ تەۋەللۇت كۈنىدىمۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ۋە خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەم تەشكىلاتلار ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىلھام توختىنى خاتىرىلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر، 25-ئۆكتەبىر تۋىتتېر تورىدا ئۇچۇر يوللاپ، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى.
جەۋھەر تۋىتتېرغا يوللىغان يوللانمىسىدا 2012-يىلى 2-ئايدا دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا كېلىش سەپىرىدە، بېيجىڭ ئايرودرومىدا دادىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۆزى تېلېفوندا تارتىۋالغان دادىسىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتىنى قوشۇپ يوللىغان. جەۋھەر بۇ سۈرەتكە ئېنىقلىما بېرىپ، شۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەركىن دېموكراتىك ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باسقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان دادىسىنىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشتەك ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
25-ئۆكتەبىر كۈنى جەۋھەر ئىلھام يەنە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.
جەۋھەر ئاۋۋال ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان ھەر يىلى دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەن چاغلىرىغا ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ تۈرمىدىكى دادىسى ۋە بېيجىڭدا قالغان ئىنىلىرىنى ئەسلەشتەك ئېغىر تۇيغۇلار ئىچىدە بۇ كۈننى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاندىن ئۇ 2012-يىلى بېيجىڭ ئايرودرومىدا دادىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تارتىۋالغان سۈرەت ھەققىدە توختالدى.
ئۇ بۇ سۈرەتنىڭ ئۆز قەلبىدە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئادەتتە كەمدىن-كەم كۈلۈمسىرەيدىغان دادىسىنىڭ شۇ كۈندىكى كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىنى، ئۇنىڭ ئامېرىكادەك ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتتە بەھرىمەن بولىدىغان ئەركىنلىك تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەرىپلىدى.
جەۋھەر ئىلھام ئىلگىرى ئۆزى ھەققىدە توختالغىنىدا، 2012-يىلى 2-ئايدا دادىسىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكىدا يالغۇز ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئەمما 2014-يىلى دادىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن دادىسىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاخىرى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سەپتىكى كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
جەۋھەر بۈگۈنكى قىسقا سۆھبەتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادالەتسىزلەرچە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان دادىسى ۋە خىتاينىڭ لاگېر-تۈرمىلىرىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيىتىگە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار، خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسىيونلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشقان.
ئىلھام توختىنىڭ 52 ياشلىق خاتىرە كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيىتىدە، 2016-يىلى ئىلھام توختىغا «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بەرگەن» مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپات فوندى» نامىدىن بېرىلگەن چاقىرىق ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.
مەزكۇر تەشكىلات تۋىتتېرغا يوللىغان چاقىرىقىدا مۇنداق يازغان: «بۈگۈن ئىلھام توختىنىڭ 52 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. ئۇ، 2016-يىللىق مارتېن ئەننالست مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى توغرىسىدا ئەندىشىلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بىز خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى بۇ سەۋەبتىن ئەيىبلەيمىز ۋە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە، 25-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى»، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» ۋە باشقا بىرقىسىم تەشكىلاتلار ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە بايانات ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلغان.