ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2022.01.14
14-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى يەنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە جېيمىس مېكگوۋېرن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز».
باياناتتا يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئادالەتسىزلەرچە تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى ۋە رايوندا داۋاملىشىۋاتقان لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتى ئەيىبلەنگەن.
باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە باشتا تىلغا ئېلىنغان تۈرمىگە تاشلاش ھەرىكىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا تاشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى بولسا، ھاكىمىيەتكە قارشى ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ۋە ئېزىلگەن خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى. بۇ سەۋەبتىن دائىرىلەر ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى».
خىتاينىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باراۋەرسىزلىكنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر.
ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇنىڭغا «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان 8 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. 2014-يىلدىن بۇيان، ئىلھام توختىغا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك ۋە يېزىش مۇكاپاتى «(2014-يىلى)، «مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» (2016-يىلى)، «ۋاسلاۋ خاۋىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» (2019-يىل)، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، (2019-يىل) قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق مۇكاپات بېرىلگەن. ئۇ يەنە «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنىدى.
14-يانۋار كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان، «ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان دادىسىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادىسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
جەۋھەر يەنە 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى دادىسى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىپ، شۇندىن بۇيان نورمال ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلغان ئۆزى ۋە بېيجىڭدىكى ئىككى ئۇكىسىنىڭ دادىسىغا مۇھتاج ھاياتتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە خەلقئارادا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.