ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ يالغانچىلىق تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرالمايدۇ»
2021.02.01
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى بىلەن خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق تەشۋىقاتلىرى كۈچەيدى.
بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشىنى «يالغانچىلىق» ۋە «ئويدۇرمىچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى سانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرغانلىقى، بۇ يىغىندا «تەربىيىلەش مەكتەپلىرى» نى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە ئۇيۇشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىندا، خىتاي تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرى بولسۇن ياكى ئۇلارغا جاۋاپ بەرگەن كۇرسانتلارنىڭ بايانلىرىدا بولسۇن، ئاساسىي نىشان ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىش بولغان. يەنى غەرپ تاراتقۇلىرىدا مۇھىم تېما بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە قۇل ئەمگىكىگە سېلىلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىىنغان؛ ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە غەرپتىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار قاتتىق ئەيىبلەنگەن.
خەۋەردە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نى تۈگەتكەن كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ «تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قامالىدىن قۇتۇلۇپ، رېيال جەمئىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە «تەربىيەلىنىش» ئارقىلىق قانۇن ئېڭى ۋە دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ئۆستۈرگەنلىكىنى، مۇقىم خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە قارا سۈركىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
يەركەندىكى «تەربىيەلەش مەكتىپى» نى تۈگىتىپ چىققان مەمەتنىياز ئىمىن نىياز خىتاي مەركىزىي خەلق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار ‹لاگېر› دىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمەلىي ئەھۋال مۇشۇنداقمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «چېگرا سىرتىدىكىلەر ‹تەربىيەلەش مەكتەپلىرى› نى ‹تۇتقۇنلار لاگېرى› دەپ ئاتاپتۇ، بۇ جۆيلىگەنلىك» دېگەن.
ئۇ يەنە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە توختىلىپ: «تەربىيىلەش مەركەزلىرى بىزنىڭ رادىكال دىنىي ئىدىيەنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم بەردى. ئۇ يەر ھەرگىزمۇ ‹تۇتقۇنلار لاگېرى› ئەمەس، بىز ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىدە كەسپىمىزنى ئەركىن تاللاش ھوقۇققىغا ئىگە، ھېچكىم بىزنى مەلۇم ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىغىنى يوق. بىز تەربىيەلەش مەركىزىدىن چىققانلارنىڭ پاختا تېرىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىمىدۇق. ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلدى، پاختا تېرىش ئىشچىلىرىغىمۇ ئېھتىياج يوق،» دېگەن.
ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلىپ: «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە بىزنىڭ ئاساسلىق ئۆگەنگەنلىرىمىز دۆلەت بويىچە ئورتاق ئىشلىنىدىغان تىل، قانۇنىي ساۋاتلار، كەسپىي بىلىم ۋە رادىكاللىق ئىدىيەسىنى تۈگىتىش قاتارلىقلار بولدى،» دېگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان يالغان خەۋەرلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلىرىدا ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، ئانا تىلى قاتارلىق مىللىي كىملىكلىرىنى مەجبۇرىي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇرىۋاتقانلىقىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ دەلىللىرى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئاشكارىلىنىپ كېتىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى» ۋە خىتاينىڭ خوتەندىكى مەلۇم يەسلى ھەققىدىكى تەشۋىقات فىلىمىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ 6 نەپەر كورسانتنىڭ جاۋابلىرىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يېقىندا خىتاينىڭ خوتەندىكى مەلۇم يەسلىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە تارقاتقان تەشۋىقات فىلىمىدە، پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيەلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئىنكار قىلىش، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش مەقسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا سۆزلەشكە مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ بايانلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ھەقىقى دېتاللىرى ھامان ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.