گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ «ئىنتېرپول» نى سۈيئىستېمال قىلىپ، ئۇنى «خەلقئارالىق ئوۋچى» غا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«ئىنتېرپول»، يەنى «خەلقارا ساقچى» دەپ ئاتالغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئارخىپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات خاتىرىسى، ئازابلىق ھېكايىسى بار. 2016-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستېرى مېڭ خوڭۋېي رەئىسى بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرىلا، بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ سۈيئىستېمال قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئۈستىدىن «قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىپ، ئۇلارنى «ئوۋلاش» قا، پاراكەندە قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 21 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ زىيانكەشلىكنى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈنگە قەدەر ئۇنتۇپ كەتمىگەن.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتى 24-نويابىر كۈنى «خىتاي ئۇستا ئوۋچىنى ئىنتېرپولغا نامزاتلىققا كۆرسەتمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە ماۋزۇسىغا «مۇستەبىت ھاكىمىيەت خەلقئارا ساقچىنى ئۆكتىچىلەرنى تۇتۇشقا بۇيرۇماقتا، بىر ئوۋلانغۇچى ئۆكتىچى: ‹مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغىلى تاس قالغان ئىدىم› دېدى» دېگەنلەر قوشۇمچە قىلىنغان.

ماقالە ماۋزۇسىغا كۆزدە تۇتۇلغان شەخس-د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىدى. دولقۇن ئەيسا 1997-يىلىلا «خەلقئارا ساقچى» تەرىپىدىن «قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلىپ ئىزدىلىۋاتقان شەخسكە ئايلانغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «تېررورىست، قاتىل، بۇلاڭچى» دېگەندەك تۆھمەتلەرنى ئارتقان. مەزكۇر ماقالىدا دولقۇن ئەيسانىڭ مۇشۇ تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك خەلقئارادا نۇرغۇنلىغان پالاكەتلەرگە دۇچار بولغان كەچمىشلىرى ئىزاھلىنىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، 2009-يىلى كورىيەدە قولغا ئېلىنغانلىق ۋەقەسى پاكىت سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ئاشۇ ۋەقە ھەققىدە توختالغاندا «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىغا: «مەن كورىيە ئايرىدۇرۇمىدا 3 كۈن سولاپ قويۇلدۇم. 4 نەپەر خىتاي ساقچىسى كورىيەدىن مېنى خىتايغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇراتتى. ئەگەر مەن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلسەم، خىتاي مېنى قېيىن-قىستاقلار ئارقىلىق ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلاتتى. مەن بۇنداق بىر تەقدىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ھازىرلانغان ئىدىم» دېگەنلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن.
ھازىر كانادادا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا باشلىق بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە خەۋپ يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئىنتېرپولنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرىپ قالغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاسان قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ 21 يىللىق ھايات كەچمىشلىرىنىڭ بۇنىڭغا شاھىد بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«خىتاي ئۇستا ئوۋچىنى ئىنتېرپولغا نامزاتلىققا كۆرسەتمەكتە» ناملىق ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم «خەلقئارا ساقچى» غا خۇ بىنچېن ئىسىملىك بىرىنى رەئىسلىككە نامزات كۆرسەتكەنلىكى، بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدە خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستېرلىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «ئۇستا ئوۋچى» سى ئىكەنلىكى، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى تۇتۇپ سولاشقا تۆھپە قاتقان بىرسى ئىكەنلىكى، ئەگەر ئۇ «خەلقئارا ساقچى» غا رەئىس بولسا، جاھاننىڭ ھەر يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچىنى خەلقئارالىق ئوۋچىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى، دولقۇن ئەيسانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنىڭ باشقىلارنمىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىقى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن تەسۋىرلەنگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، ئەگەر بىر خىتاي ساقچى خادىمى ئىنتېرپولغا رەئىس بولغان تەقدىردە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارغا خەۋپ شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا خىتاي ئۆكتىچى كۈچلىرى ئۈچۈنمۇ خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكلىتلىدى.
«خىتاي ئۇستا ئوۋچىنى ئىنتېرپولغا نامزاتلىققا كۆرسەتمەكتە» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ئىنتېرپولغا نامزات كۆرسىتىلگەن خۇ فامىلىلىك خىتاي ساقچىسى خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستېرلىكى تارمىقىدىكى «خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغانكەن. ئۇ 2014-يىلىدىن بۇيان چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىپ كەلگەن ئىكەن.