تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يۈكسەل ئۇيغۇر رېستورانى نامىدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلدى. ئاشخانىدا لەزىز ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ پۈتۈن خىللىرى بار بولۇپ، ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ئاز بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەر ۋە يەرلىك تۈركلەر بۇ تاماقلارنى ياقتۇرۇپ يېيىشمەكتە.

ئەنقەرەدىكى يۈكسەل ئۇيغۇر رېستورانى شەھەر مەركىزى يېقىنىدىكى زىيا كۆكئالپ كوچىسى 76-نومۇرلۇق بىنادا بولۇپ، بۇ ئاشخانا ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىنىدىغان جايىغا ئايلانغان. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا 14، ئەنقەرە شەھىرىدە 2، ئانتاليا شەھىرىدە 2 ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار بولۇپ، جەمئىي 18 ئاشخانا ئېچىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ خەلقئارالىشىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

بىز ئەنقەرەدىكى يۈكسەل ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يەۋاتقان كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزىتىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق. ھۈسەيىن ئىسىملىك بىر تۈرك خېرىدار 30غا يېقىن دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ تاماقلىرىنى يېگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ تەمىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. داۋاملىق بۇ يەردە تاماق يەۋاتقان بىر ئۆزبېك خېرىدار ئۇيغۇر تامىقى يېگەن ۋاقتىدا ئۆزىنى ئۆزبېكىستاندىكىدەك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. بىر ئۇيغۇر ئاشپەز ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرىنىڭ ئىنتايىن لەزىز ۋە ئوزۇقلۇق جەھەتتىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەلگە چىقالمىغاچقا، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا كەچ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.